UyghurMain Dictionary
قىزىل كۆڭلەكلىكلەر پارتىيىسى
Domain: دۇنيا تارىخىھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرا ئۆلكىسىدىكى پاكتونلارنىڭ پىدائىي قوشۇنى. 1929 - يىلنىڭ ئاخىرى قۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ فورما كىيىمى دەسلەپ ئاق بولۇپ، كېيىن قىزىلغا بويالغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. يەنە <ئاللانىڭ بەندىلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پاكتونلارنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇستەملىكە دائىرىلىرىگە قارشى تەشكىللىك كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئەمگەكچىلەر ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغان. گەندىنىڭ زوراۋانلىقتىن خالى تەلىماتىغا ئەمەل قىلغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپى دېھقانلار بىلەن قول ھۈنەرۋەنلەر ئىدى. رەھبىرى ئابدۇل غاففارخان (1891 - ). 1931 - يىلى خەلق كونگرېسىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا قارام تەشكىلات بولغان. 1947 - يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ باشقۇرۇلغاندا، ھىندىستاننىڭ غەربىي چېگرا ئۆلكىلىرى پاكىستانغا تەۋە بولغان. 1957 - يىلى بۇ پارتىيە باشقا پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.