UyghurMain Dictionary
قۇۋ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاققۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرقى غازغا ئوخشاپ كېتىدۇ، غازدىن چوڭراق، پۈتۈن بەدىنى ئاق، پۇتى بىلەن قۇيرۇقى قىسقا، دېڭىز ساھىلى ياكى كۆل بويىدا ياشايدۇ، ئۇچۇشقا ماھىر.
ئاققۇ كۆكتە، كېپىنەك چۆپتە. ئاققۇ _ پاكلىق، گۈزەللىك ۋە ساداقەتلىكنىڭ سىموۋولى. قۇۋ _ قۇشلارنىڭ زىننىتى، قەدىر - قىممىتى. قوداينىڭ ئىرادىسىنى قۇشقاچ نەدىن بىلىدۇ. پاقا قوداي گۆشىگە ئامراقمىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنى ھۇزۇر، ھالاۋەتكە يەتكۈزىدىغان ھالەت، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش.
دۇنيادا ئىستىسەڭ بەخت ۋە سائادەت، قىلغىن سەپداشلار دىدارىنى ئادەت. سائادەتنىڭ يولى بىلىم بىلەن ئېچىلار. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ تەلەيدە بوڭ - بوڭ. تەلەيگە ئىشەنگىلى بولماس. بىر كىشى ئۈچۈن پەقەت بۇ ھۈنەر ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. قوناق كەلدى _ قۇت كەلدى. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر. دۆلەت قۇشى قونماق. قېلىنلىق _ يېرىم دۆلەت. ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس. بىلىڭدە بار قۇۋۋىتىڭ قىلغىن غەيرەت، مۇشۇ ياشلىق زامانىڭ كاتنا بىر دۆلەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھىيلە مىكىرگە ئۇستا، يامان يوللار بىلەن كىشىنى ئالدايدىغان، يارىماس كىشى.
تۈلكە ھىيلىگەر بولسىمۇ، تېرىسى دۇكاندا ئېسىقلىق. ھىيلىگەر ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. ئىت ئەلا ئېرۇر ھەر دۇ مازاردىن، كىشىلەرنى ئالدىغۇچى مەككاردىن. ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار، ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار. غەر غەرەزچى كېلەر، ئوغرى ئاسماقچى. مۇغەمبەر كاسىپنىڭ تىلىكى كور خېرىدار. تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنەر. ئوغرى يولدىن ئالىدۇ، لولى قولدىن. لولىنىڭ ئېتىنى سۇغار، پۇلىنى ئال. قۇۋنىڭ كۆزى يۇمۇق، قۇلىقى پۈتۈك. نەيرەڭۋازنىڭ تىلى ئەگمەك. ھارامزادە ياۋاشنى قاقشىتىدۇ، ياماندىن قورقىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قۇۋلۇق - شۇملۇقتا ئۇستا، يالغانچىلىق بىلەن كىشىنى ئالدايدىغان، دىلى قارا.
ساددا، گول، ئاق كۆڭۈل، كۆڭۈلچەك
تۈز، قۇۋلۇق - شۇملۇقنى بىلمەيدىغان، دىلى ئاق، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان.
ساددا ساختىپەزلىك قىلماس. گول ئادەم زىيان تارتسىمۇ قۇۋ كىشىدىن ياخشى. ئاق كۆڭۈلنىڭ ئېتى ھارماس، كىيىمى توزۇماس. كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق. ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدىن سېرىقى چىقماس. مەككاردىن ئىت ياخشى. ئون تازنى توققۇزى ھەييار، ئوق سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار. مۇغەمبەر كاسىپنىڭ تىلىكى كور خېرىدار. قۇۋ تۈلكىنى كۈچۈك بىلەن تۇتقىلى بولماس. لولا قولدىن ئالىدۇ، ئوغرى يولدىن. نەيرەڭۋازنىڭ تىلى ئىلمەك. ھارامزادىنىڭ ئارغامچىسى بىلەن قۇدۇققا چۈشمە. تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنەر.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
قۇرۇپ چېكىگە يەتمەك. مەسىلەن: قۇرۇپ قۇۋ بولماق.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ياپىلاق قىلىپ توقۇلغان ئىشتانباغ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تون قاۋ قۇۋ بولدى _ تون پۈرلەشتى، تون تىكىشىدىن سۆكۈلدى.
3 - 178
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھىيلە - نەيرىڭى تولا، باشقىلارنى گوللاشقا ئۇستا؛ ھىيلىگەر، مەككار، مۇغەمبەر.
قۇۋ ئادەم. قۇۋ ئايال.
قىزلار بۇ مەسىلىگە كەلگەندە قۇۋراق كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. بەك قۇرۇپ كەتكەن، قۇرۇپ چېكىگە يەتكەن، قاقشال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ياپىلاق قىلىپ توقۇلغان ئىشتانباغ.