UyghurMain Dictionary
قۇتۇلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر كۆڭۈلسىز ئەھۋال، ھالەت، ئىش - ھادىسە، ۋەقە قاتارلىقلاردىن خالىي، ئازاد، خالاس بولماق؛ يامان كىشى، نەرسە ۋە باشقىلاردىن ساقلانماق.
ئۆلۈمدىن قۇتۇلماق. سولاقتىن قۇتۇلماق. جازادىن قۇتۇلماق.
تاشلاپ، تەرك ئېتىپ، ۋاز كېچىپ خالاس بولماق.
قېچىپ قۇتۇلماق.
زىممىسىدىكى ئىش، مەجبۇرىيەت، بۇرچ، قەرز ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئادا قىلىپ ياكى بىرەر ئامال قىلىپ خالاس بولماق؛ بوشىماق.
قەرزدىن قۇتۇلماق.