UyghurMain Dictionary
قۇتراتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يامان ئىش - ھەرىكەت قىلىشقا دالالەت قىلماق.
ئىت ئىگىسى كۈشكۈرتسە، قاۋايدۇ، چىشلەيدۇ، بەزىلىرى كۈشكۈرتمىسىمۇ قاۋايدۇ، چىشلەيدۇ. قۇتراتقانغا قۇترىما، قۇتراپ قويۇپ دەردىنى تارتما. ئۇ ئۇرۇشۇپ قالغان قېرىنداشلىرىنى ئاجرىتىپ قويماق تۈگۈل، دەيدەيگە سالىدۇ. ئۇ قۇشلىسا، ھەممىنى ئالىدىغان مەخلۇق، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا قۇشلاپ قويسا، جىق كىشىگە ئۇۋال قىلدى. ئول ئاڭار ئىت تۈتۈردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<قۇترىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوسماننى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتتى.