UyghurMain Dictionary
قۇرۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سالما.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
قۇرىغان، قۇرۇتۇلغان.
قۇرۇق ئوتۇن. * قۇرۇق يەر. * قۇرۇق سۆڭەكتىن ياغ چىقماس (ماقال) . * تاۋار داستىخان، قۇرۇق ئۇستىخان (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . بوش، بىكار .
قۇرۇق قول. * قۇرۇق كەلمەك. * قۇرۇق قالماق. * قۇرۇق ئولتۇرماق. *قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس (ماقال) . * قۇرۇق ھارۋا تاراقلايدۇ. (ماقال) . * قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقارماق (ماقال) . * دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان، ئىچى قۇرۇق (ماقال). * ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق.
2 . ئاساسسىز، مەزمۇنسىز، يوقلاڭ ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، ھېچقانداق پايدىسى يوق، مەۋھۈم. *قۇرۇق نام، * قۇرۇق گەپ. * قۇرۇق سۈلەت. *قۇرۇق تۆھمەت. * قۇرۇق سۆز قۇلاققا ياقماس (ماقال) . * قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ(ماقال) . * قۇرۇق سۇدىن كاچات ياخشى (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىلقىچىلىق سايمانلىرى، ئات تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:
«سالما»، «چالما» مەخسۇس ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى ئىلمەك قىلىپ، ئاتقا ئارتىدۇ، ئىلمەك ئاتنىڭ بوينىغا چۈشسە، ئات تۇتۇلىدۇ.
«قۇرۇق»، «سويلا»، «سىرتماق» مەخسۇس ياغاچنىڭ ئۇچىغا سىرتماق يىپ باغلاپ ياسىلىدۇ.
«ئ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق يوق ياكى تۈگەپ كەتكەن. قۇرۇق ئوتۇن، قۇرۇق ئۆي
ھۆل، نەم، زەي
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق كۆپ. ھۆل ئوتۇن، زەي ئۆي
قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس. قۇرغاق شاختا مېۋە يوق، قۇرۇق سۆزدە مەنە (يوق). قاقشال دەرەختە مېۋە بولماس، قۇرۇق گەپتە مەنە (بولماس). ئىشتىنىڭنى ھۆل قىلماي بېلىق تۇتىمەن دېمە. ئۇيقۇ غەمدىن قاچىدۇ، بۈرگە نەمدىن. تام زەيدىن ئۆرۈلەر، ئەر غەمدىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىچىدە ھېچنېمە يوق.
لىق، توشۇق
قاچا - سۇ، سۇيۇقلۇق ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن توشقۇزۇلغان.
لىق سۇ چايقالمايدۇ. توشۇق سۇ قۇيۇشنىڭ ئورنى يوق. قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس. بوش خالتا پومپايماس. قۇرۇق سۇدىن كاچات ياخشى (كۆچمە). قۇرۇق ۋەدە قوڭالتاق كەش (كۆچمە). دۇنياغا كېپسەن. بوش يۈرۈپ، قۇرۇق قايتما (كۆچمە).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. سۈيى، نېمى تۈگىگەن، قۇرىغان، ھۆلنىڭ ئەكسى.
قۇرۇق ئوتۇن.
رەۋ. كۆچمە. باشقا نەرسە ئارىلاشتۇرۇلمىغان ياكى ئارىلاشتۇرماي؛ يالغۇز.
ناننى قۇرۇق يېمەك.
سۈپ. كۆچمە. ئىچىدە ھېچنېمە يوق. ئىچى بوش.
قۇرۇق قۇتا. قۇرۇق ھارۋا. قۇرۇق سېۋەت.
قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس (ماقال).
رەۋ. يەپ - ئىچمەي، مېھمان بولماي.
- رەنجىشمىسىلە، قۇرۇقلا قايتىشتىلا، بەك سەت بولدى، - دېدى ئۇ بىزنى ئۇزىتىپ چىقىپ.
رەۋ. نەتىجىسىز، بىكارغا، بىھۇدە.
قۇرۇق قالماق.
سۈپ. ئەمەلىيىتى يوق، سەمىمىي بولمىغان، باشقىلارنى ئالدايدىغان، يالغان، ساختا.
قۇرۇق ۋەدە بەرمەك.
سۈپ. ھېچبىر رولى، ئەھمىيىتى يوق؛ رولى، ئەھمىيىتى قالمىغان.
قۇرۇق گەپ. قۇرۇق پاراڭ.
رەۋ. ھېچبىر ئىش قىلماي، بىكار.
قۇرۇق ئولتۇرماق.
رەۋ. ئورۇنسىز؛
قۇرۇق گۇمان قىلماق.
سۈپ. ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، كۈچىدىن قالغان.
قۇرۇق نەزەرىيە. قۇرۇق ئىستەك.
سۈپ. پەقەت ئېغىزدىلا قىلىنغان، ئېغىز يۈزىدىلا، ئاغزىدىلا دەپ قويۇلغان.
قۇرۇق تەكلىپ