UyghurMain Dictionary
قۇرۇلۇشتا زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى
Domain: جىنايەت ۋە جازابۇ - قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى، قۇرۇلۇشقا نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبېيكتى - خەلقنىڭ مال - مۈلۈك ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، لايىھىلىگۈچى ئورۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، قۇرۇلۇشقا نازارەت قىلغۇچى ئورۇن بولىدۇ. ئورۇنلار جىنايەت ئۆتكۈزسە قوش جازالاش تۈزۈمى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
137 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ۋە قۇرۇلۇشقا نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى سادىر قىلسا، بىۋاستە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.