UyghurMain Dictionary
قۇرت ھۈررىكى
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك توقۇلمىسى ھاشاراتلار ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىلارنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، زىيانغا ئۇچرىغان قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمالسىز تېزلىك بىلەن بۆلۈنۈپ ھاسىل قىلغان غەيرىي تەبىئىي يوغىناپ قالغان تۈزۈلۈش. شەكلى خالتىسىمان، شارسىمان ۋە تۇرۇبىسىمان بولىدۇ. قۇرت ھۈررىكى ھەم ھاشاراتلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم قۇرت تېنىنىڭ يوشۇرۇنۇش ئورنى بولالايدۇ. كۆك پىت، قاسىراق قۇرت، ھۈررەك ھەرىسى، ھۈررەك چىۋىنى، يوپۇرماق پۈرلەشتۈرگۈچى پەرۋانە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرت ھۈررىكى ھاسىل قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇنلىغان تۈرلەر زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، مەسىلەن، شال ھۈررەك چىۋىنى شالنىڭ ئۆسۈش نۇقتىسىغا تېشى كىرىۋېلىپ، شالدا غەيرىي تەبىئىي ئارتۇقچە ئۆسكەن <ئۇچ پىيىزى> شەكىللەندۈرىدۇ. موزا ھەرىسى (Cynips tincroria) دۇپ دەرىخىدە پارازىتلىنىپ ھاسىل قىلغان قۇرت ھۈررىكى موزا دېيىلىدۇ؛ جۇڭگو موزىسى كۆك پىتى جۇڭگو موزا دەرىخى قاتارلىق دەرەخلەردە ھاسىل قىلغان قۇرت ھۈررىكى، جۇڭگو موزىسى دېيىلىپ كىشىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىدۇ، مەملىكىتىمىزدىن كۆپ چىقىدىغان جۇڭگو موزىسىنىڭ تەركىبىدە تاننىن ماددىسى مول بولۇپ بوياق ماتېرىياللىرى، سىيا، خۇرۇم قاتارلىقلارنى ئىشلەشتىكى مۇھىم خىمىيىۋى سانائەت ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە يەنە دورا قىلىنىدۇ.