UyghurMain Dictionary
قۇندۇز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىرىسى ئېسىل ھايۋانلار. بۇ يەردە شۇنداق ھايۋانلارنىڭ تېرىسى دېيىلىۋاتىدۇ، تۇماق - قۇلاقچا تىكىلىدۇ، قىشلىق پەلتوغ ياقا قىلىنىدۇ.
قاما ياقىلىق پەلتو كىيگەن خېنىم ئۆتۈپ كەتتى. قۇندۇز تۇمىقىم بار ئىدى، يوقالغىنى خوپ بولدى، بېشىمغىمۇ تار ئىدى. توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا، ئەسكى چاپانغا سۆسەر ياقا. كەمچەت تۇماق كىيگەن يىگىت خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇدۇز.
1 - 598
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇندۇز قايرى _ قۇندۇز قېيىرى، قۇندۇز تاشىقىدىن ياسىلىدىغان بىر خىل دورا.
1 - 598
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈندۈز.
1 - 598
ھايۋاناتلار دۇنياسى
قۇندۇز (دەريا قامىسى) ئەڭ چوڭ غاجىلىغۇچى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، دەرەخ قوۋزىقى، پروپكا (يۇمشاق ياغاچ)، دەرەخ يوپۇرمىقى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بەدىنى قويۇق، پارقىراق يۇڭ بىلەن قاپلانغان، بارمىقىنىڭ ئۇچىدا گۈرجەكسىمان تىرنىقى بار بولۇپ، يەر قېزىشقا ماھىر، ئۇۋا، توسما ياسىيالايدۇ. قۇيرۇقى كەڭ، ياپىلاق، تۈكى يوق، ئەمما تەڭگىچىلەر بىلەن قاپلانغان. سۇ بويىدا ياشايدىغان قۇندۇز سۇ ئۈزەلەيدۇ ۋە سۇغا چۆكەلەيدۇ.
قۇندۇز ئەڭ تەجرىبىلىك بىناكار. ئۇلار سۇ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك بولمايدىغان دەريا بويىدا ئۈستىگە قىيپاش قىلىپ تونىل كولاپ، دەرياغا تۇتاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى دىئامېتىرى1 مېتىر، ئېگىزلىكى5 .0 مېتىر كېلىدىغان يەر ئاستى ئۇۋا بۆلۈمچىسى قىلىپ كېڭەيتىدۇ. ھەربىر بۆلۈمچىنىڭ كۆپىنچە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىرىپ - چىقىش تونىلى بار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ كىرىش ئېغىزى سۇ ئىچىگە ئېچىلىدۇ. ئۇۋا بۆلۈمچىسىنىڭ ئەڭ ئۈستى تەرىپى قۇندۇزنىڭ «ياتاقخانىسى» قىلىنىدۇ، سۇ بويىغا يېقىن قىسمى «ئاشخانا» قىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا تازىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان قۇندۇزنىڭ يەپ ئېشىپ قالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى دەرياغا تاشلىۋېتىشىگە، تەرەت قىلىشىغىمۇ ئەپلىك بولىدۇ. ئەگەر دەريا سۈيىنىڭ ئورنى ئۆرلەپ كەتسە، قۇندۇز ئۇۋىسىنىڭ تورۇسىدىكى توپىنى غاجىلاپ چۈشۈرۈپ «پول» نى ئېگىزلىتىدۇ. ئەگەر تورۇسى بەك نېپىزلاپ قالسا ئۈستىگە توپا ياكى ئۇششاق شاخلارنى دۆۋىلەپ قېلىنلىتىدۇ. ئەگەر دەريا سۈيىنىڭ ئورنى داۋاملىق ئۆرلەپ كەتسە، تورۇس قىسمىغا ياغاچ بىلەن بىر كىچىك ئۆي ياساپ، ئىچىگە كىرىپ ياتىدۇ. تۆت ئەتراپى سۇ بىلەن قورشالغان مۇھىتتا قۇندۇز سۇ ئاستىغا دەرەخ ئاچىمىقى، ئىنچىكە شاخ ۋە دەرەخ قوۋزىقى قاتارلىقلارنى دۆۋىلەپ چىقىپ سۇ يۈزىدىن2 −3 مېتىر ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان كىچىك ئارال ياسايدۇ. بۇ خىل كىچىك ئارالدىمۇ كىرىپ - چىقىش تونىلى ۋە «ياتاقخانىسى» بولىدۇ. كىرىش ئېغىزى سۇ يۈزىدىن تۆۋەندە بولىدۇ. قۇندۇز يەنە يۇمشاق لاي ۋە سېغىز لاي بىلەن ئۇۋىسىنىڭ تېمىدىكى يوچۇقلارنى كۆڭۈل قويۇپ چاپلىۋېتىدۇ، لېكىن ئۇۋا بۆلۈمچىسىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ.
قۇندۇز يەنە سۇ توسىدىغان توسما ياسايدىغان ۋە توسما ئىچىدىكى سۇنىڭ ئورنىنى تەڭشەيدىغان «سۇ قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى». قۇندۇزلار توپلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئىسكىنە شەكىللىك ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن دەرەخ كېسىدۇ ھەمدە دەرەخنى دەريادىكى كۆزلەپ قويغان ئورۇنغا ئالدى پۇتى بىلەن ئىتتىرىپ بارىدۇ. ئاندىن غول شاخنى كېسىۋېلىپ، ئۇنى ئەپچىل ئالدى پۇتى بىلەن تىكلەپ سۇ تېگىگە سانجىپ، قوزۇق قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ توم شاخنى باستۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېقىننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن ئاچا بىلەن تىرەپ قويىدۇ. توسمىنىڭ ئۇلىنى كەڭ ياسايدۇ، ئۈستىگە تاش قويۇپ توسمىنى مۇستەھكەملەيدۇ. يوچۇقلىرىنى ئىنچىكە شاخ، قومۇش، ياۋا ئوت - چۆپلەرگە سېغىز لاي ئارىلاشتۇرۇپ مەھكەم چاپلىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «توسما» دىن ھەرگىز سۇ قېچىپ كەتمەيدۇ. قۇندۇز ياسىغان توسمىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئىككى يان تەرىپىگە قارىغاندا ئېگىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا، سۇ كۆپ بولۇپ كەتسە توسمىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئېقىپ كېتىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئاجايىپ قۇرۇلۇش. سۇ توسۇش توسمىسىنىڭ ياسىلىشى نەتىجىسىدە يۇقىرى ئېقىندىكى تېيىز سۇ تىپتىنچ كۆلگە ئايلىنىدۇ - دە، چوڭقۇرلۇقى قۇندۇزنىڭ سۇ ئۈزۈش، سۇغا چۆكۈش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىدۇ، قۇندۇزلارمۇ شۇ جايدا ماكانلىشىپ ئىگىلىك تىكلەيدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«قۇنتۇز» غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<زوئول> سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. چاشقانغا ئوخشايدۇ. ئارقا پۇتىدا ئۈزگۈچىسى بولىدۇ. قۇيرۇقى ياپىلاق، تۈكلىرى ئۇزۇن ھەم قېلىن، دۈمبە تەرىپى قىزغۇچ قوڭۇر، قورسىقى كۈل رەڭ، چىشلىرى ئۆتكۈر كېلىدۇ. دەرەخلەرنى چىشلەپ ئوشتۇيالايدۇ. سۇ بويىدا ياشايدۇ. دەرەخ قوۋزاقلىرى ۋە نېلۇپەر قاتارلىقلارق بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. تېرىسى ئەتىۋارلىق. ئەركەكلىرى قۇندۇز قەھرى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ تېبابەتچىلىكتە روھلاندۇرغۇچى دورا قىلىنىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بىرخىل ئەتىۋارلىق سۇ ھايۋىنى. ئۇنىڭدىن ئېسىل تېرە ئېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قۇندۇزدەك ئەتىۋارلىق قىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قۇندۇزدەك گۈزەل، زىبا قىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
بىر خىل ئەتىۋارلىق سۇ ھايۋىنى