UyghurMain Dictionary
قۇملۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
يەر يۈزى قىياپىتى
قۇملۇق تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا قالدۇرغان تەلىيى كاج جاي ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن دۇنيا قۇرۇقلۇقىنىڭ10 /1 قىسمى قۇملۇقتىن ئىبارەت. ئېلىمىزدىكى قۇملۇقلار كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بەزى چۆللۈكلەر پەقەت بىپايان تاش ساھىل ۋە شېغىلدىن ئبارەت بولۇپ، قۇملۇقلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇ كىشىلەر دائىم ئېيتىدىغان گوبىدىن ئىبارەت. ئېلىمىزدىكى گوبىنىڭ كۆلىمى460 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
دۇنيادىكى قۇملۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى جەنۇبىي ۋە شىمالىي كەڭلىك15 −30 گرادۇسنىڭ ئارىلىقىدىكى پاسسات شاماللىرى بەلۋېغىغا جايلاشقان. بۇ جايلارنىڭ ھاۋا بېسىمى يۇقىرى، ھاۋا رايى مۇقىم بولۇپ، شامال ھەمىشە قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز - ئوكيانلارغا قاراپ چىقىدۇ. دېڭىزدىكى نەم ھاۋا قۇرۇقلۇققا كېلەلمەيدۇ، شۇڭا يامغۇر مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئىنتايىن قۇرغاق بولىدۇ، يەر يۈزىدىكى تاغ جىنسلىرى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇششاق قۇم دانچىلىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ، قۇم دانچىلىرى شامالغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ دۆۋىلىنىپ قۇم بارخانىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بارخانلارنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلارغا ئايلىنىدۇ. بەزى جايلاردىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ يىمىرىلىش سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستا بولۇپ، چوڭ شېغىل تاشلار شەكىللىنىدۇ، بۇ دەل چۆللۈكتىن ئىبارەت.
قۇملۇق رايونلارنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئادەتتە400 مىللىمېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ھۆل - يېغىن ئەڭ ئاز بولىدىغان جايلاردا يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى10 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، بەزى جايلاردا يىل بويى بىر تامچىمۇ يامغۇر ياغمايدۇ. قۇملۇقلاردا قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر تارقالغان. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى كىچىك، ئېپىدېرمىسى قېلىن بولىدۇ، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، مەسىلەن، ئالىقانسىمان كاكتۇس، يانتاق قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرمىقى رودىمېنتلىشىپ يىڭنىسىمان تىكەنگە ئۆزگىرىپ كەتكەن. قۇملۇقلاردىكى ھايۋانلار ئىچىدە تۆگە قۇرغاقچىلىققا ئەڭ چىداملىق. ئۇ بىر قېتىم سۇ ئىچىۋالسا، بىرقانچە سوتكا سۇ ئىچمىسىمۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا يول يۈرۈۋېرىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى »قۇملۇق كېمىسى« دەپ ئاتاشقان.
قۇملۇق رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، تېمپېراتۇرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پەرقى30 −50 سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، سوتكىلىق تېمپېراتۇرا پەرقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ياز كۈنلىرى چۈش ۋاقتىدا يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى60 سېلىسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر تۇخۇمنى قۇمغا كۆمسەك، ئۇزاققا قالمايلا پىشىدۇ. كېچىدىكى تېمپېراتۇرا10 سېلىسىيە گرادۇستىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قەنت ماددىلىرىنى ساقلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ، شۇڭا، قۇملۇقتىكى بوستانلىقلارنىڭ مېۋە - چېۋىلىرى ئالاھىدە تەملىك بولىدۇ.
قۇملۇق رايونلاردا قۇم - بوران كۆپ، شامال كۈچلۈك، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى10 -12 بالغا يېتىدۇ. كۈچلۈك بوران كۆپ مىقداردىكى قۇملارنى ئۇچۇرۇپ، دەھشەتلىك قۇم - بوران ئېقىمىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە يەر يەر يۈزىنىڭ شەكىل - ھالىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەزى قۇملۇقلار تەبىئىي شەكىللەنگەن بولماستىن، بەلكى سۈنئىي بەرپا قىلىنغان. مەسىلەن،: ئا ق ش دا1908 −1938 - يىللىرى ئارىلىقىدا900 مىليون مودىن ئارتۇق يەردىكى دەل - دەرەخلەر قالايمىقان كېسىلىپ چوڭ كۆلەملىك ئوتلاقلار بۇزغانلىقى ئۈچۈن، نەتىجىدە كەڭ كۆلەملىك يېشىللىق قۇملۇقلارغا ئايلىنىپ كەتكەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى1954 −1963 - يىللىرىدىكى چۆللۈكلەردە بوز يەر ئېچىش ھەرىكىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئوتلاقلارنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان، نەتىجىدە تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىگە بولالمايلا قالماستىن، قۇملىشىش ئاپىتىنى ئېلىپ كەلگەن.
قۇملۇقلار ئىنسانلارغا ناھايىتى زور زىيان سالىدۇ، ئۇ ئېتىزلارنى، يېزا - كەنتلەرنى يۇتۇۋېتىدۇ، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرىنى قۇمغا غەرق قىلىدۇ. تارىخىي كىتابلاردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ يىپەك يولىغا جايلاشقان كىرورەن قەدىمىي شەھىرىنى دەل قۇملۇقلار يۇتۇۋەتكەن. ھازىر ئىنسانلار تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قۇمنى تىزگىنلەپ، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئالماقتا، مەسىلەن، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش، ئوت - چۆپ تېرىپ قۇمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇم توسۇقى ياساش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قۇمى بار، قۇم ئارىلاشقان.
قۇملۇق تۇپراق. قۇملۇق ساپال.
ئى. قۇم باسقان، قۇم بىلەن قاپلانغاق جاي.
تەكلىماكان قۇملۇقى.