UyghurMain Dictionary
قۇمچاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇدا ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ۋە قۇرت يەيدىغان پايدىلىق جانلىق.
«قۇمچاق» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ، ئورتاق تىلدا پاقىنىڭ بالىسى، يېتىلمىەەن پاقا.
پاقا كوكىرىمىسا بېشى ئاغرىيدۇ. كېيىك سۇ ئىچكەن يەردىن پاقا سۇ ئىچىمەس. قۇمچاقتىن قورققان كۆلدىن سۇ ئىچمەس.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
پاقا.
بىئولوگىيە
پاقا، چارپاقا، سەمەندەر، ترىتون قاتارلىق قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ بالا تەنىسى (لىچىنكىسى). سۇدا ياشايدۇ، يان سىزىقى بار، ژابراسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ، سىرتقى ژابراسىنىڭ مورفولوگىيىسى تۈرلىرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ژابرا يېرىقچىسىنىڭ سانىمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئۇنى كلاسسىفىكاتسىيىلەش دەلىلى قىلىشقا بولىدۇ. قوشۇمچە تېرىسى بىلەن نەپەسلىنىدۇ. بەدىنى ئېللىپس شەكىللىك، قۇيرۇقى چوڭ ھەم ياپىلاق؛ سۇدا ئۈزۈپ ھەرىكەتلىنىدۇ. يېتىلگەندە بەزىلىرىنىڭ ئاۋۋال كەينى پۇتى، ئاندىن ئالدى پۇتى چىقىدۇ (مەسىلەن، پاقا)؛ بەزىلىرىنىڭ ئاۋۋال ئالدى پۇتى كېيىن كەينى پۇتى چىقىدۇ (مەسىلەن، سەمەندەر). قۇمچاقنىڭ دەۋرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىمۇ ئوخشاش ئەمەس، قىسقىلىرىنىڭ بىر ئايغا يەتمەيدۇ (كۈرەك پۇتلۇق چارپاقا)، ئۇزۇنلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن ئاشىدۇ (مەسىلەن، كالا پاقا). ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي سۇدا ياشايدىغان قۇيرۇقسىزلار (مەسىلەن، كالا پاقا قاتارلىقلار) نىڭ قۇمچاقلىق دەۋرى ئۇزۇنراق، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان تۈرلىرىنىڭ قۇمچاقلىق دەۋرى قىسقىراق بولىدۇ. قۇمچاقلار ھالەت ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئاندىن يېتىلگەن تەنىگە ئايلىنىدۇ. قۇمچاقلار كلاسسىفىكاتسىيىلەپ ئېنىقلاش ئەھمىيىتىگە ئىگە؛ بولۇپمۇ ئاغزى قىسمى. كۆپ ساندىكى پاقىلارنىڭ بالا تەنىسىنىڭ كالپۇكى بولىدۇ؛ ئاستى - ئۈستى جاغلىرىدا بىر نەچچە قاتار تىزىلغان مۈڭگۈز ماددىلىق چىشلىرى بولىدۇ، كالپۇك چىش شەكلى ئادەتتە ئۇرۇقداشقا ئايرىش دەلىللىرىدىن بىرى قىلىنىدۇ. مەسىلەن، بەزىدە غەربىي جۇڭگو چوڭ چارپاقىسى بىلەن جۇڭخۇا چوڭ چارپاقىسىنىڭ يېتىلگەن تەنىسىنى پەرقلەندۈرۈش قىيىن، ھالبۇكى ئالدىنقىسىنىڭ كالپۇك چىش شەكلى 111/ 11؛ كېيىنكىسىنىڭ 111/ 1-1:1 بولىدۇ. سەمەندەرلەرنىڭ بالا تەنىسىنىڭ كۆپىنچە مۈڭگۈز ماددىلىق چىشلىرى بولمايدۇ، ھەم تىپىك تۆۋەنكى جاغ سۆڭىكىمۇ يوق، لېكىن ئاستى - ئۈستى جاغلىرى ئۇزۇنراق بولۇپ، ھەقىقىي چىشلىرى بولىدۇ. مەلۇم بىر خىل قۇمچاقنىڭ تېپىلىشىنى مەزكۇر رايوندا ئۇلارنىڭ يېتىلگەن تەنىلىرىنىڭ بار - يوقلۇقىنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىشقا ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆپىيىش پەسلىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
پاقىلار ياكى چارپاقىنىڭ بالىسى. قارا رەڭلىك، سوقىچاق شەكىلدە، بېلىجانغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ژابرىسى ۋە قۇيرۇقى بولىدۇ. سۇدا ياشايدۇ، قۇيرۇقى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئارقا، ئالدى ئاياغلىرى چىققاندىن كېيىن، قۇيرۇقى بارا - بارا قىسقىراپ ھەم يوقۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پاقا ياكى چار پاقىغا ئايلىنىدۇ.