UyghurMain Dictionary
قۇيماق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سۈت، تۇخۇم، سۇ بىلەن يۇغۇرۇلغان خېمىرنى ياپىلاق - ياپىلاق ئۈزۈپ، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك.
قۇيماق سالماق. * قۇيماق پىشۇرماق. * ئەتىيازدا قۇيماق يېۋىدىم، كەچكۈزدە كېكىردىم. * بارات كەلدى، تۇيدۇڭلارمۇ، بىزگە قۇيماق قويدۇڭلارمۇ (بالىلار تاقمىقى).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل («قۇي»نىڭ ھەرىكەتنامى).
1 . ھەر خىل سۇيۇقلۇقنى قاچا قۇچىلارغا تۆكمەك.
قازانغا سۇ قۇيماق. * رومكىغا ھاراق قۇيماق. * چىنىگە چاي قۇيماق.
2 . لاي، ئېرىتىلگەن چوپۇن قاتارلىقلارنى قېلىپقا قۇيماق. كېسەك قۇيماق، * بۇقىز ئانىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇمشاق يۇرۇلغان خېمىردىن مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك. كۆپىنچە نەزىر _ چىراغلاردا مېھمانغا قويۇلىدۇ.
ئاچ بىلەن توقنىڭ ئارىلىقى يېرىم چەلپەك. ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، پوشكىلىنى ئىتلار تالاشتى. يېمەيمەن دەپ تۇرۇپ، يەتمىش قۇيماق يەپتۇ. نەزىرنىڭ يىتى ئوخشاپتۇ.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
بۇ سۆزنىڭ قۇمۇلدا چەلپەك، تۇرپاندا پۆشكەل دەپ قوللىنىدۇ.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
تۇخۇم تۇغماق. مەسىلەن: چار مېكيان بىرنى قۇيدى.
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم تۆت دانە، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 140 گرام)، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق، سۇ بىر كىلوگرام.
1. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ، ئۇن، تۇخۇم سېلىپ سۇ قۇيۇپ، سۇيۇق شېرە خېمىر يۇغۇرۇپ ئىسسىق جايدا 15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تىندۇرغان سۇيۇق شېرە خېمىرنى قوشۇق ياكى كىچىك چۆمۈچ بىلەن ياغقا قۇيۇپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خېمىرى بولدۇرۇلۇپ ياغدا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك.
قۇيماق پىشۇرماق. قۇيماق يېمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇ قاتارلىق سۇيۇق، ئۇن قاتارلىق يۇمشاق، بۇغداي قاتارلىق ئۇششاق، دانە - دانە نەرسىلەرنى بىرەر نەرسە ئىچىگە، ئۈستىگە چۈشۈرمەك، تۆكمەك.
چىنىگە چاي قۇيماق. خالتىغا ئۇن قۇيماق.
ئېرىگەن ياكى يۇمشاق نەرسىنى قېلىپقا سېلىپ بۇيۇم تەييارلىماق.
قازان قۇيماق. خىش قۇيماق.
پىشۇرماق؛ سالماق؛ تەييارلىماق.
ئۆپكە قۇيماق. قۇيماق قۇيماق.
ئورنىدىن چىقىرىۋەتمەك (كۆز ھەققىدە).
كۆزىنى قۇيماق.
شىددەت بىلەن ياغماق، ئاقماق (يامغۇر ھەققىدە).
بىردەمدىن كېيىن بىردىنلا يامغۇر قۇيۇۋەتتى.