Uyghur←ChineseMain Dictionary
قۇياش تەڭرىسى ھەيكىلى
دۇنيا تارىخى
太阳神巨像
tài yáng shén jù xiàng
رود ئارىلىدىكى (ئىگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) قۇياش ھەيكەللىرى ئىلاھى بولۇپ، قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. قۇياش تەڭرىسى ھېلوسقا قەدىمكى دەۋردە ھەرقايسى جايلاردا كەڭ تۈردە ئېتىقاد قىلىنغان بولۇپ، كۆپلەپ ئىبادەتخانىلار سېلىنىپ، نەزىر - چىراغ قىلىنغان. بۇلاردىن رود ئارىلىنىڭ پايتەختى رودېستىكى قۇياش تەڭرىسى ئىبادەتخانىسى ھەممىدىن داڭلىق بولۇپ، بۇ يەردە ھەر يىلى تەڭرىگە ئاتاپ بەيگە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇربانلىق (تۆت ئات) تەقدىم قىلىناتتى. ئىبادەتخانىدا قۇياش تەڭرىسى بىلەن ئات ھارۋىسىنىڭ برونزىدىن ياسالغان كاتتا ھەيكىلى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 34 مېتىر بولۇپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىدىن يەلكەنلىك كېمە ئۆتەلەيدىكەن. ئۇ يۇنانلىق ھەيكەلتىراش لىسپپوس ياكى ئۇنىڭ شاگىرتى چارېسنىڭ ئەسىرى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. رودېس تەڭگىسىگە نەقىشلەنگەن قۇياش تەڭرىسىنىڭ باش سۆرىتى (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىر)دىن يەنىلا ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.