UyghurMain Dictionary
قۇچاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆكرەك ئالدى.
قۇچاققا كىرگەن قۇشنى مەرگەنمۇ ئاتماس. غەلىبە بىزگە قۇچاق ئاچتى. ئىسسىق قوينۇم، سالقىن دۈمبەم. قويۇندىن تۆكۈلسە قونچىغا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇچاق.
بىر قۇچاق بۆز _ بىر قۇچاق بوز.
1 - 496
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئادەم گەۋدىسىنىڭ ئىككى قولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باغىر قىسمى؛ ئىككى قولنى يايغاندا بىر قولنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق.
قۇچاق ئاچماق. قۇچىقىغا ئالماق.
ئى. كۆچمە. قويۇن، باغىر.
ۋەتەننىڭ قۇچىقى. يۇرتنىڭ قۇچىقى.
مىق. قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرگەن نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر قۇچاق ئوتۇن.