UyghurMain Dictionary
قۇببە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
گۈمبەز، يېرىم شار شەكلىدىكى يېپىق جاي:
چەرخ ئۇششاق ئاھى ئوقىدىن مەگەر ۋەھم ئەتتىكىم،
قۇببە قىلدى مېھرىنى ئۆز ھەيئەتى قالقان بولۇپ.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەبرە ئۈسىتگە قۇرۇلغان ئۇچلۇق، يېرىم دۈگىلەك قۇرۇلۇش.
يەكەن قەبرىستانلىرىدا ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىسىگە گۈمبەز قوپۇرۇلغان گۈمبەز تولا. ئۇلۇغلارنىڭ قۇببىسىنى زىيارەت قىلدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەسچىت ۋە بەزى ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسىگە ئورنىتلغان يېرىم شار شەكلىدىكى گۈمبەز.
مەسچىتنىڭ قۇببىسى. بىنانىڭ قۇببىسى.
تۈرلۈك نەرسە ۋە بۇيۇملارنىڭ شارسىمان ياكى يېرىم شارسىمان بېزىكى.
ئىشىكنىڭ قۇببىسى. كارىۋاتنىڭ قۇببىسى.