Chinese→UyghurMain Dictionary
全酶与辅基
Domain: بىئولوگىيەتولۇق ئېنزىم ۋە ياردەمچى رادىكال
ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ، ئېنزىم ئاقسىلى بىلەن زىچ بىرلىشىدىغان ئاقسىل ئەمەس كىچىك مولېكۇلىلىق ماددىلار، مەسىلەن، بەزى ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىملاردىكى فلاۋىن - ئىدىنو پۇرىنلىق نۇكلېئوتىدلار (FMN, AFD)، ئامىنوترانسىفېرازا، كاربوكسىلازىدىكى پىرىدوكساللار ياردەمچى رادىكال دەپ ئاتىلىدۇ. ئېنزىم ئاقسىلى بىلەن بوش بىرىككەن، ئاساسەن ئايرىلىدىغان، دىئالىزلىنىدىغان ئورگانىك ماددا. مەسىلەن، لاكتىك دېگىدروگېنازىدىكى (Col)NAG+ گلۇكوزا 6 - فوسفات دېگىدروگېنازادىكى NADP+ كوئېنزىم (coenzyeme) دەپ ئاتىلىدۇ. ئېنزىم ئاقسىلى بىلەن ياردەمچى رادىكال (ئېنزىم) نىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان كومپلېكىس بىرىكمە تولۇق ئېنزىم دەپ ئاتىلىدۇ. ئېنزىملىق رېئاكسىيىنىڭ مەخسۇسلۇقى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈكى ئېنزىم ئاقسىلىنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولۇپ، ياردەمچى رادىكال (ئېنزىمى) بولسا، ئېلېكترون ئاتوم ياكى خىمىيىلىك گۇرۇپپىلارغا نىسبەتەن بىۋاستە توشۇش رولىنى ئوينايدۇ.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.