Chinese→UyghurMain Dictionary
全国产业复兴法
دۇنيا تارىخى
مەملىكەتلىك سانائەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇنى
ئامېرىىنىڭ <يېڭى سىياسەت> مەزگىلىدىكى ئاساسلىق قانۇن لايىھىسى. 1933-يىلى روزۋېلت زۇڭتۇڭ مالىيە پۇل مۇئامىلىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەڭشىگەندىن كېيىن، مونوپول كاپىتال ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى تىزگىنلىمەكچى ۋە تەرتىپكە سالماقچى بولغان. قارىغۇلارچە رىقابەتلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكى ئاستىدا، <ئادىل رىقابەتلىشىش> ئارقىلىق سانائەت تارماقلىرىنى ئۆزى ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، پارلامېنت قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت مەملىكەتلىك گۈللەندۈرۈشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. سانائەت تارماقلىرى مەسلىھەت كومىتېتى قۇرۇپ، قاتناشقان ئورۇنلار رىئايە قىلىشى شەرت بولغان <ئادىل رىقابەتلىشىش قانۇنى> نى تۈزۈپ چىقىپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن تارماقلار ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنى ئاساس قىلىپ رىقابەتنى قانات يايدۇرۇشنى بەلگىلىگەن، زۇڭتۇڭمۇ سانائەت قانۇن تۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. كاپىتالىست تەرەپ <ئادىل رىقابەتلىشىش قانۇنى> ياكى كېلىشىمگە ئاساسەن قوللانغان ھەرىكەت <شېرىمان ترېستقا قارشى قانۇنى> نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولغان. ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلاrنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئىشچىلارنىڭ تەشكىللىنىش ھوقۇقى بولۇش ھەمدە ۋەكىل ئەۋەتىپ كاپىتالىستلاr بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش؛ ياللىغۇچىنىڭ ئىشچىلارنى شېركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىشىغا مەجبۇرلىشىغا ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىۋالغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا قاتنىشىشنى چەكلىشىگە يول قويماسلىق؛ ياللىغۇچى ئەڭ يۇقىرى ئىش ۋاقتى ۋە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بەلەىلىمىگە رىئايە قىلىش، مەملىكەتلىك ئىشچىلار مۇناسىۋىتى ئىدارىسى تەسىس قىلىش بەلگىلەنگەن. كۆك بۈركت سانائەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇنىنىڭ بەلگىسى قىلىنغان. بىر يېرىم يىلدىن كېيىن <ئادىل رىقابەت قانۇنى> دىن 750 ى بارلىققا كەلگەن، قاتناشقان كارخانىلار ياللىغان ئىشچىلار 22 مىليونغا يەتكەن. قانۇن لاھىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، سانائەتە كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇپ، چوڭ كاپىتالىستلار كۆپرەك پايدىغا ئىگە بولغان. لېكىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە رەھمسىز رىقابەتلىشىدىن ئەھۋاللار يەنىلا داۋاملىق مەيدانغا كېلىپ تۇرغان. 1934-يىلى 2-ئايدا ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان مەملىكەتلىك گۈللەندۈرۈش تەپتىش ئىدارىسى گۈللەندۈرۈش قانۇنىنى مونوپوللاشتۇرۇشقا ۋە كانسىرېنلاشتۇرۇشقا ئىلھام بەرگەن، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارغا زىيان يەتكۈزگەن دەپ قارىغان. 1935-يىلى 6-ئايدا، ئالىي سوت گۈللىنىش قانۇنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان.