UyghurMain Dictionary
قىتئە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ماتىرىك، چوڭ قۇرۇقلۇق.
ئاسىيا قىتئەسى. * قىتئەلەر ئارا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
لىرىك شېئىرلارنىڭ بىر تۈرى، كلاسىك ئەدەبىياتتا كۆپ ئۇچرايدۇ.
بىر قىتئە:
كىبىر نېمە قومۇشتن سوراڭ،
پۈپۈكىنى مېۋە دەر ئىمىش.
پۈپۈك ئەگەر مېۋە ئاتالسا،
نېمە ئاتىلار شاخ ئەككەن يېمىش ! ؟
_ بۇغدا ئابدۇللا.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پارچە، بۆلەك:
قىتئەئى ئابۇ زەمىنىم بار ئىدى،
نەفئى ھەر يىلدا ماڭا بىسيار ئىدى.
زەلىلى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە «پارچە» سۆزدىن
لىرىك شېئىرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بىر تۈرى، قىتئە كۆپىنچە ئىككى بېيىتتىن تەركىب تاپىدۇ. قىتئەدە جۈپ مىسرالار (ئىككىنچى، تۆتىنچى، ئالتىنچى مىسرالار قاپىيىلىنىپ، تاق مسىرالار ئوچۇق قالىدۇ. ئۇ ھەجىم جەھەتتىن قىسقا، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەسىلەن:
كىبىر نېمە قومۇشتىن سوراك،
پۆپۈكىنى مېۋە دەر ئىمىش.
پۆپۈك ئەگەر مېۋە ئاتالسا،
نېمە ئاتىلار شاخ ئەككەن يېمىش!؟
)بوغدا ئابدۇللا(
قىتئەلەردە مىسرالار تۆتتىن 12 گە قەدەر بولۇشىمۇ مۇمكىن.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پارچە، بۆلەك؛ شېئىردا غەزەل ياكى قىسسىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان ئىككى - ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق بېيىت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەرنىڭ دېڭىز - ئوكيانلار بىلەن ئورالغان ئالتە قىسمىنىڭ ھەر بىرى.
«قۇرۇقلۇق» قىتئەنىڭ كەڭ يېرىنى كۆرسىتىدۇ، ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
يەر شارى يەتتە قىتىئەگە بۆلۈنگەن: ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئافىرىقا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، جەنۇبىي قۇتۇپ. جۇڭگونىڭ تەيۋەن قاتارلىق ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان تېررىتورىيىسى «چوڭ قۇرۇقلۇق» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<جۇغ> يەر شارىنىڭ دېڭىز ۋە ئوكيانلار بىلەن قورشالغان ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھەربىرى. يەر شارىدا ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىن ئىبارەت يەتتە قىتئە بار.
<ئەد> لىرىك شېئىرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بىر تۈرى. ئۇنىڭدا جۈپ مىسرالار )ئىككىنچى، تۆتىنچى، مىسرالار( قاپىيىلىنىپ، تاق مىسرالار ئوچۇق قالىدۇ. ئۇ ھەجىم جەھەتتىن قىسقا، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.