UyghurMain Dictionary
قىسسە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھېكايە، ۋەقە، سەرگۈزەشت:
باغلا لەب، ناقىس، تەكەللۇمدىن ئۇزاتمە قىسسەنى،
كىم دىگىل ھەر بىر نەفەس ئەيشى سۇلايماندۇر ماڭا.
ناقىس.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
رىۋايەت ئۇسۇلىدا يارىتىلغان تارىخىي، ئەپسانىۋى بەدىئىي ئەسەرلەر (ھېكايە، رىۋايەت، ئەپسانە، ۋە باشقىلار). ئېپىك ژانىرلاردىن بولغان پوۋېسمۇ بەزىدە قىسسە دەپ ئاتىلدۇ. مەسىلەن: رۇس يازغۇچىسى بورس پولىۋوينىڭ «چىن ئىنسان ھەققىدە قىسسە» ناملىق پوۋېستىغا ئوخشاش. خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللازەيدىن ھەققىدە قىسسە»، سەمەت دۇگايلىنىڭ «كىچىك لەقۋا» ئەسەرلىرى ياخشى پوۋېستلاردۇر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھېكايە، ۋاقىئە؛ سەرگۈزەشت، كەچۈرمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<ئەد> رىۋايەت ئۇسۇلىدا يارىتىلغان بەدىئىي ئەسەر، پوۋېست، مەسىلەن، خېۋىر تۆمۈرنىڭ <موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە> ناملىق پوۋېستىگە ئوخشاش.
ۋەقە - ھادىسە، ئەپسانىلەر بايان قىلىنغان ئىپىك ئەسەر، رىۋايەت.
ئات قىسسىسى.
قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزات ھېكايىسىنى توختاتتى.