UyghurMain Dictionary
قىسقۇچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوغ ياكى ئىسسىق تۆمۈرنى تۇتۇش ئۈچۈن تۆمۈردىن ياسالغان سايمان.
قىسقۇچ قىشتا ئەتىۋارلىق. لاخشىگىر بولمىسا، ئوتتىن ھۇزۇر كەم بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. نەرسىلەرنى قىسىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەسۋاب.
قەغەز قىسقۇچ. دەپتەر قىسقۇچ.
سۈپ. قىسىش رولىنى ئوينايدىغان، قىسىدىغان ياكى شۇ خىل شەكىلدىكى.
قىسقۇچ تاختا. قىسقۇچ سىركۇل. قىسقۇچ قومۇش. قىسقۇچ ھالقا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
قىسقۇچپاقا قاتارلىق بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن بىرىنچى جۈپ پۇتى، شەكلى ئامبۇرغا ئوخشايدۇ، ئېچىلىپ - يېيىلىدۇ. ئادەتتە ئوزۇقلۇق تۇتۇش، ئۆزىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان. پۈتۈن تېنىدە قاسىراقلىق قاپچۇقى بار، كۆزىنىڭ سېپى بار. تۇغرىسىغا ئۆمۈلەيدۇ. خىللىرى كۆپ.