UyghurMain Dictionary
قىسىم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پۈتۈننىڭ پارچىسى.
«ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» نىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ئوقۇدۇ. 60 نەچچە قىسملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «دېدەك ئىزورا»نىڭ 5 - قىسمى قويۇلدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۆلەك، بىر ئۈلۈش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەتنىڭ قۇرۇللىق تەشكىلاتى.
قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى؛ دېڭىز ئارمىيىسى؛ ھاۋا ئارمىيىسى. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 8 - ئارمىيىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغان. قوشۇن خىل، مەمۇرىيەت ئىخچام بولسۇن. مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك 1991 - يىل 8 - ئايدا، مىسىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ۋە كۇۋەيتتىن بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلق قوراللىق قىسىملىرى؛ ساقچى قىسىملىرى. كۆپ دۆلەت قىسىملىرى 1991 - يىل 8 - ئايدا ئىراق، كۇۋەيت چېگرىسىدىن چىقىپ كېتىشكە باشلىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر پۈتۈننى تەشكىل قىلغۇچى.
ئىككىدىن بىر قىسمىنى سەن ئال، بىر قىسمى ماڭا قالسۇن. ياسىن ناننى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ، بىرىمىزگە بىر بۆلەكتىن بەردى.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
زۇلۇم، سىقىق، سىقىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. زۇلۇم، سىقىق.