UyghurMain Dictionary
قېرىنداش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («قېرىن» غا ئورتاقلىق قوشۇمچىسى «داش» قوشۇلغان).
بىر قورساقتىن تۇغۇلغان ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل.
قېرىنداش. * قېرىنداشلارچە دوستلۇق. * قېرىنداشنى يۈرەك تونۇيدۇ (ماقال) . * قېرىنداشنى تاللىغىلى بولمايدۇ (ماقال) . * قېرىنداشتىن قارنىم ياخشى (ماقال) . * بۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسە بار، ئىزدىسە تېپىلماس. بىرى ئاتا، بىرى ئانا، بىرى قېرىنداش.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سۈرمە تاش ياكى بوياق سېلىنغان سېغىز توپىدىن ياسالغان ياغاچ ياكى مېتال ئىچىگە سېلىپ قويۇلغان قەلەم.
قارا قېرىنداش. * قىزىل قېرىنداش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئاتا - ئانىنىڭ بالىسى، يەنە شۇنداق مۇناسىۋەتكە تەمسىل.
قېرىندىشىم جىق، تاماق يەيدىغان ئۆيۈم يوق. غايە بىلەن جاسارەت بىر تۇغقان ئاكا - ئۇكا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر ئاتا - ئانىدىن بولغان پەرزەنتلەر - ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار، بىر تۇغقان (بىر - بىرىگە نىسبەتەن).
سالاغا كەتكەن قېرىندىشىم (ماقال).
بىر ئەۋلاد (ئەجداد) قا مەنسۇپ بولغان كىشىلەر (بىرى باشقىسىغا نىسبەتەن).
ئۆزى بىلەن مەلۇم قانداشلىق ياكى يېقىن ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بولغان بىرەر خەلق، مىللەت قاتارلىقلار (بىر - بىرىگە نىسبەتەن).
قېرىنداش مىللەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
سياھى سۈرمە تاش (گرافىت) ياكى بەزىبىر رەڭلىك ماتېرىياللارنى بىرىكتۈرۈپ قاتۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان، ئۇچلاپ ئىشلىتىلىدىغان قەلەملەرنىڭ ئومۇمىي نامى.
قېرىنداش ئۇچلىماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بىرقان، بىر نەسلىگە تەۋە كىشى.