UyghurMain Dictionary
قىقىردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىچقىردى، ۋارقىرىدى.
ئەر قىقىردى _ ئادەم ۋارقىرىدى، يەنى بىر كىمنى ياكى باشقا نەرسىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قىچقىردى ( قىقىرار _ قىقىرماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قۇزى قىقرىپ ئوغۇش تېردىم
ياغى قارۇ كىرىش قۇردۇم
توقۇش ئىچرە .ۇرۇش بېردىم
ئەرەن كۆرۈپ باشى تىغدى
«پەسكە توۋلاپ جەمەت يىغدىم،
دۈشمەنگە قارشىكى كىرىچ قۇردۇم،
جەڭگە كىرىپ ئۇرۇش قىلدىم،
يىگىتلىرىمنى كۆرۈپ (دۈشمەن) باشلىرىنى تىقىۋالدى.»
تاغدىن پەسكە قاراپ ۋارقىراپ، ئۇرۇق - جەمەتىمنى يىغدىم، دۈشمەنگە قارشى كىرىچ (ئوقيا) قۇردۇم، دۈشمەن بىلەن ئوق ئېتىشىپ راسا جەڭ قىلدىم، دۈشمەن مېنىڭ يىگىتلىرىمنى كۆرۈپ بېشىنى پۈركىگەن پېتى قاچتى.
2 - 110