Uyghur←ChineseMain Dictionary
قوڭۇر يۈسۈنلەر تىپى
بىئولوگىيە
褐藻门
hèzǎomén
يۈسۈنلەرنىڭ بىر تىپى، يۈسۈن تېنى كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بەلگىلىك مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە. بەزىلىرىنىڭ تېنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، تۈزۈلۈشى بەلگىلىك دەرىجىدە دىففېرېنسىيىلەنگەن بولىدۇ. پىگېمنت تېنىدە خلوروفىل a,c,β - كاروتىن ۋە كانتوفىل بولۇپ، رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر ياكى قېنىق قوڭۇر بولىدۇ. زاپاس ساقلايدىغان ئوزۇقلۇقى ئاساسەن قوڭۇر يۈسۈن كراخمالى ۋە ماننىتول، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماي ۋە ئوكسىدسىزلانغان قەنت بولىدۇ. ئۈزۈپ ھەرىكەت قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرى نەشپۈتسىمان بولۇپ، ئىككى يېنىدا ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمىغان قىلئايىغى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇنى بوغا مۈڭگۈزىسىمان، قىسقىسى قۇيرۇقسىمان بولىدۇ. جىنسسىز كۆپىيىشتە سپورا ھاسىل قىلىدۇ، جىنسلىق كۆپىيىشتە ئوخشاش گامېتا، غەيرىي ئوخشاش گامېتا ۋە تۇخۇملۇق گامېتا ھاسىل قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى تۈرلىرىدە روشەن بولغان دەۋر ئالمىشىش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئوخشاش شەكىللىك دەۋر ئالمىشىش، بەزىلىرى غەيرىي ئوخشاش شەكىللىك دەۋر ئالمىشىشقا كىرىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى تۈرلىرى تاتلىق سۇدا ياشىغاندىن باشقا، كۆپ ساندىكى تۈرلىرى دېڭىزدا ياشايدۇ. قوڭۇر يۈسۈنلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، يېمەكلىك ۋە دورا قىلىنىدىغانلاردىن لامىنارىيە، ئۈندىرىيە يۈسۈنى، پېلېۋېنىيە يۈسۈنى، سارگاسسۇم يۈسۈنى قاتارلىقلار بار، بەزىلىرى ئوغۇت ياكى يەم - خەشەك قىلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان قوڭۇر يۈسۈنلەردىن قوڭۇر يۈسۈن يېلىمى، ماننىتول، قوڭۇر يۈسۈن كراخمالى، يود، كالىي خلور قاتارلىقلار ئايرىۋېلىنىدۇ. بۇلار يېمەكلىك سانائىتى، توقۇمىچىلىق سانائىتى، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى، دورىگەرلىك ۋە يېزا ئىگىلىكىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر چوڭ تىپتىكى قوڭۇر يۈسۈنلەرنى يىغىپ پاتقاق گازى ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيىنىڭ كېلىش مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.