Uyghur←ChineseMain Dictionary
قوشۇلماي كۆپىيىش
بىئولوگىيە
无融合生殖
wúrónghéshēngzhí
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلانماي تۇرۇپل تۆرەلمە ھاسىل قىلىش ھادىسىسى. ئۇ تۆرەلمىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئاساسەن بىر قانچە خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ. بىرخىلى، نورمال سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشتىن ھاسىل بولغان تۆرەلمە خالتىسى ئىچىدە ئۇرۇقلانمايلا تۆرەلمە ھاسىل بولۇش. بۇنىڭ ئىچىدە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن تۆرەلمە ھاسىل بولۇش ئاتىلىقسىز كۆپىيىش، ياردەمچى ھۈجەيرە ياكى تەتۈر پۇت ھۈجەيرىدىن تۆرەلمە ھاسىل بولۇش گامېتىسىز كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تاق ھەسسىلەنگەن تەن. يەنە بىرخىلى، سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشتىن ئۆتمىگەن تۆرەلمە خالتىسىدىن ئۇرۇقلانمايلا تۆرەلمە ھاسىل بولۇش. بۇخىل تۆرەلمە خالتىسى چوڭ سپورا ئانا ھۈجەيرىسىنىڭ نورمالسىز سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشتىن (ئىككى ھەسسىلەنگەن سپورىلىق كۆپىيىش ياكى ئۇرۇق ھۈجەيرىسىنىڭ سپورىسىز كۆپىيىشى). ياكى تۈگۈن مەركىزىي ھۈجەيرىسىنىڭ بۆلۈنۈشىدىن (تەن ھۈجەيرىسىنىڭ سپورىسىز كۆپىيىشى) كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۇخۇم ھۈجەيرىسى ياكى ياردەمچى ھۈجەيرە ۋە تەتۈر پۇت ھۈجەيرىلەرمۇ ئاتىلىقسىز ياكى گامېتىسىز كۆپىيىپ يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى ھەسسىلەنگەن تەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈگۈن مەركىزى ياكى تۈگۈن يېپىنچىسى بىۋاسىتە يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدىغان ھادىسە تۇراقسىز تۆرەلمىلىك كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇمۇ قوشۇلماي كۆپىيىشكە كىرىدۇ. كەڭ مەنىدىكى قوشۇلماي كۆپىيىش ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوشۇلماي كۆپىيىش ھايۋانلاردا ئاتىلىقسىز كۆپىيىش، ئانىلىق يادرو يېتىلىش، بىخ چىقىرىپ كۆپىيىش، يېىرىلىپ كۆپىيىش قاتارلىق شەكىللەردە ئىپادىلىنىدۇ.
ئۆسۈملۈك,ئورمانچىلىق
无融合生殖
wú róng hé shēng zhí