Uyghur←ChineseMain Dictionary
قوش نېرۋىلىقلار سىنىپى
بىئولوگىيە
双神经纲
shuāngshénjīnggāng
مولليۇسكلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. تەن تۈزۈلۈشى ئىپتىدائىيراق، ئوڭ - سول سىممېترىك بولىدۇ. تېنى ئېللىپس شەكىللىك، دۈمبە تەرىپى سەل تومپايغان بولۇپ، سەككىز پارچە كالتسىيلىق قاپچۇق پلاستىنكىسى بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ يېپىلغان كاھىشلارغا ئوخشاش تىزىلغان، قورساق تەرىپى ياپىلاق، باش قىسمى ئېنىق ئەمەس، قورساق، پۇتلىرى تېنىنىڭ قورساق تەرىپىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىگىلىگەن، سىرتقى غىلىپى پەقەت دۈمبە تەرىپىنىلا قاپلاپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قورساق پۇتى ئارىلىقىدا پۈتۈن بەدەننى ئايلانغان سىرتقى غىلاپ ئېرىقچىسى بولىدۇ. ئېرىقچىسىدا پۇتىنىڭ ئىككى يېنىدا ئۆسكەن نۇرغۇنلىغان جۈپ - جۈپ تارغاقسىمان ژابرالىرى بولىدۇ. ئېغىزى ئالدىنقى ئۇچىنىڭ قورساق تەرىپىگە، ئانۇسى پۇتىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ سىنىپتىكى ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئىپتىدائىيراق بولۇپ، مەركەزلەشكەن نېرۋا تۈگۈنى بولمايدۇ، بەدىنىنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى جۈپ نېرۋا زەنجىرى، يەنى پۇت نېرۋا زەنجىرى ۋە ئىچكى ئەزالار يان زەنجىرى بولۇپ، توغرىسىغا كەتكەن نېرۋىلار ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشقان بولىدۇ. شۇڭا <قوش نېرۋىلىقلار سىنىپى> دەپ ئاتالغان. ھەممىسى دېڭىزدا ياشايدۇ. ناھايىتى كەڭ تارقالغان. مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز بويلىرىدا تۈكلۈك تاش كۆز (Acanthochiton) ۋە چوپا تاش كۆز (lschuochiton) قاتارلىق تۈرلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ