UyghurMain Dictionary
قورساق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسمى، ئادەمنىڭ كۆكرەك ئاستىدا، ھايۋاننىڭ توشىنىڭ كەينىدە بولىدۇ.
ئىچى ياماننىڭ رىزقى ئاز. قورساق دېگەن شىرە، يېسە كىرە. قېرىشقاننىڭ قارنى ئاچ. قېرىنداشتىن قارنىم ياخشى. قارنى يامان ھېيتتا ئۆلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ئانات> گەۋدىنىڭ بىر قىسمى. ئادەملەرنىڭ قورسىقى كۆكرەكنىڭ ئاستىدا، ھايۋانلارنىڭ قورسىقى كۆكرەكنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدۇ.
قېرىن.
قورداق ئالماق، قورساق سېتىۋالماق.
نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توم، سېمىز قىسمى.
قەلەمنىڭ قورسىقى. قورسىقى چوڭ بوتۇلكا.