UyghurMain Dictionary
قورقماس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان، قورقۇشنى بىلمەيدىغان.
قۇرقماسقا يىراقمۇ يېقىن. قورقماسقا يول ئوچۇق. ئۇ - قاپ يۈرەك يىگىت. تۇرسۇن ئۆزىنى توختىتىۋالدى، يەنە بىردىنلا توم يۈرەك بولۇپ قالدى. يۈرەكلىك كىشى يولۋاسنى بوي سۇندۇرالايدۇ. جاپپارنىڭ ئوغلى جىگەرلىك بالا بوپتۇ. ناھەقچىلىققا قارشى چىقالايدۇ. جىگىرى بار يىگىتلەر جەڭدە دۈشمەن بىلەن ئېلىشماقتا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان.
قورققاق، قورقۇنچاق، توخۇ يۈرەك
ھەممە نېمىدىن قورقىدىغان.
باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر. باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا. يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر. ئۆز بۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ھەقىقىي قەھرىمان. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر. قورقماستىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس. ئەندىشىنىڭ ئېتى قورققاق. قورقۇنچاقتا نومۇس يوق. كۆز قورققاق، قول باتۇر. توخۇ يۈرەك قورقۇپ ئۆلىدۇ. قورققاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، قورقماسنىڭ چومىقى بول. قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇنىڭ تۈكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان، ئەندىشە قىلمايدىغان، شىر يۈرەك، باتۇر.
قورقماس شائىر ل. مۇتەللىپ ئوفىتسېرگە غەزەپ بىلەن تۈكۈردى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قورقماس، يۈرەكلىك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قورقماس، يۈرەكلىك كىشى.