Uyghur←ChineseMain Dictionary
قول ئاستىدىكىلەرنى خورلاش جىنايىتى
Domain: جىنايەت ۋە جازا虐待部属罪
nuè dài bù shǔ zuì
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولغان، باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئارمىيىنىڭ باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولغان، باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشى ۋە باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
443 - ماددا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.