UyghurMain Dictionary
قويۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارىلىققا قارىتا: بەك يېقىن، بوشلۇق يوق، قىستا - قىستاڭ.
زىرائەتنى مۇۋاپىق زىچ تېرىش لازىم. مىللەتلەرنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقى ئىشىمىزنىڭ كاپالىتى. قېلىن ئورماندا ئاداشماي دېسەڭ، خىيالدىن خالىي بول. قوناق بەك قويۇق بولسا، بېشى ئۇششاق بولۇپ قالىدۇ. قويۇق تۇمان بۆرىنىڭ تويى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئارىلىق زىچ، ئورۇن كىچىك سانجىق ھالەت. قويۇق قوناق
شالاڭ، تارقاق
ئارىلىق زىچ ئەمەس، ئورۇن چوڭ، سان ئاز ھالەت. شالاڭ قوناق
شالاڭ ئاش باش كۆرسىتىدۇ. قويۇق ئاش چەش. شالاڭ چاچقاندىن قويۇق چاچقان يامان. شالاڭ زىرائەت ئاتقا مىندۈرەر، قېلىن زىرائەت قىرغا. قېلىن تۇمان - بۆرىنىڭ توپى. تارقاق قوناقنىڭ بېشى چوڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بەك سۇيۇق ئەمەس، سۈيى، تەركىبى نىسبەتەن ئاز:بەك تېزئېقىپ كېتەلمەيدىغان.
قويۇق لاي.
سۈپ. بىر - بىرىگە يېقىن، زىچ جايلاشقان، زىچ، <شالاڭ> نىڭ ئەكسى.
قويۇق ئورماق.
قويۇق ئۆسمەك.
سۈپ. قېنىق، توق (رەڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار ھەققىدە).
قويۇق قارا سىياھ.
سۈپ. كۆچمە. جانلىق تۈس ئالغان، مەزمۇنغا باي، كۈچلۈك، مول: ئۇنىڭ شېئىرلىرى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.
سۈپ. كۆچمە. ناھايىتى يېقىن، قىزغىن، زىچ (مۇناسىۋەت - ئالاقە ھەققىدە).
ئەزىمەت بىلەن مىرزىنىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ قويۇق، يېقىن دوستلاردىن ئىدى.
رەۋ. كۆچمە. كۈچلۈك ھالدا، قىزغىنلىق بىلەن، ئاكتىپلىق بىلەن، زىچ ھالدا.
شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپتە قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى شەكىللەندى.