UyghurMain Dictionary
قوغلىماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يېنىدىن يىراققا ھەيدىمەك؛ تۇتۇش ئۈچۈن كەينىدىن يۈگۈرمەك.
قاچماق، تىكىۋەتمەك، قۇيرۇقىنى خادا قىلماق
بىرەر ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ياكى بىرەر ئىش - ھەرىكەتتىن قورقۇپ بىر يۆنىلىشكە تېز يۈرۈپ كەتمەك.
قاچقۇنمۇ خۇدا دەيدۇ، قوغلىغانمۇ... كىلە قوغلىسا سۇغا قاچ. يىلان قوغلىسا قۇمغا قاچ. تۆگە قوغلىسا تاغقا قاچ. شۇ ئارىدا ئۇ تىكىۋەتتى. دۈشمەن قۇيرۇقىنى خادا قىلسا، سەن قولۇڭغا خادا ئال. دۈشمەننى سۈر، سۈرۈپ توقاي قىل. مەستتىن ساراڭمۇ قاچىدۇ. يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا. بايلىق قاچقاننى قوغلايدۇ، قوغلىغاندىن قاچىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قاچقان نەرسىگە يېتىشىش، ئۇنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن تېز سۈرئەت بىلەن ئارقىسىدىن ماڭماق، يۈگۈرمەك.
قاچقانمۇ خۇدا دەيدۇ، قوغلىغانمۇ خۇدا دەيدۇ (ماقال).
بىر ئورۇندىن باشقا بىر تەرەپكە ياكى جايغا ھەيدىمەك، سۈرمەك، مېڭىشقا مەجبۇر قىلماق، مەجبۇرىي ھالدا كەتكۈزۈۋەتمەك، سۈرگۈن قىلماق.
تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ (ماقال).
بىرەر سەپتىن، قاتاردىن چېكىندۈرمەك، جازا بېرىپ قالدۇرماق، ھەيدىمەك، چىقىرىۋەتمەك.
ئۇلار مەنسۇرنى پارتىيىدىن قوغلىدى.
سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ ياكى شۇ نەرسىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئىزدىمەك، جىددىي ئاختۇرماق.
ئىز قوغلىماق.