Uyghur←ChineseMain Dictionary
قوغدالغۇچىلار
Domain: دۇنيا تارىخى被堡护人
bèi bǎo hù rén
قەدىمكى رىمدىكى بىر ئىجتىمائىي تەبىقە. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىكى <پادىشاھلىق ھاكىمىيەت دەۋرى>دە پەيدا بولغان. ئومۇمەن، ئۇلارنىڭ تولىسى نامراتلىق سەۋەبىدىن سۇنۇپ ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى بولغان، ئاقسۆڭەك <قوغدىغۇچىلار>غا بېقىنىپ، ئۇلارغا <قوغدالغۇچى> بولغان. ئالدىنقىسىدا كېيىنكىسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بولغان. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئورنىدا سوتقا قاتنىشىپ ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىش؛ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىن ئۈلۈشلۈك يەر ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىش. بۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىخ ھالىتىدىكى بىر خىل سىنىپىي مۇناسىۋەت بولۇپ، ۋارىسلىق قىلىش ۋە توختام خاراكتىرىگە ئىگە. رىمدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى جەمئىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىنمۇ بۇنداق مۇناسىۋەت ساقلانغان. <قوغداش تۈزۈمى>گە قاراڭ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.