UyghurMain Dictionary
قوچڭار
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوچقار.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن : ئىكى قوچڭار باشى بىر ئەشەچتە (بۇ سۆز دىۋاننىڭ باشقا جايلىرىدا « ئەشىچ _ قازان» شەكلىدە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يەردە « ئەشەچ» شەكلىدەكەلگەن. بىز ئەينەن يازدۇق.) پىشماس _ ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا پىشماس. بۇ ماقال بىر شەھەردىكى ئىككى بەگ، ئىككى باشلىقنىڭ بىر - بىرى بىلەن چىقىشالمايدىغانلىقى، بىرىنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشى لازىملىقى ھەققىدە ئېيتىلىدۇ. قوچڭار باشى _ قوچقار بېشى. بىر شەھەرچىنىڭ نامى.
3 - 520