UyghurMain Dictionary
قېنى قىزىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىققان بىر بالاغا ئۇچرار. مىجازى چۇس كىشى ھېچكىم بىلەن ئەپ بولالمايدۇ. ئەسەبىي ئادەم ھەممىنى بىزار قىلىدۇ. نېرۋا بولۇپ قاپسەن، ئاغىنە، جىم تۇر. ئوت قېشىدا سالقىن بولماس، جىلىخۇرغا ئەقىل قونماس. قېنى قىزىق كىشى توساتتىن چاتاق تاپىدۇ. تۇرسۇن تازا سەپرا ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان، تېرىككەك، ئاچچىقى كەلسە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ئاچچىقى يامان.
قېنى قىزىق ئادەم. - * ئەمما سىزگىمۇ ئازراق پىكىرىم بار، قېنىڭىز قىزىقراق ئوخشايدۇ، بەزى ئىشلارغا سەۋر - تاقەت قىلىش تەس ئەلۋەتتە، لېكىن شۇنداقتىمۇ، - دېدى سەلىم كۆزەتچىگە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.