UyghurMain Dictionary
قىلغۇلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ناباب ئىش - ھەرىكەت
قىلمىشىغا قاراپ جازاسى. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ، ئەمدى نېمە دەيسەن؟
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قانۇن - ئىنتىزام، ئەردەم - ئەھكام، ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنغا خىلاپ ئىش - ھەرىكەت. «تسۇي» خەنزۇچە: 罪
روزىدا گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ باراتتا. ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق. ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس. كورنىڭ ئەيىبى كۆزىگە كۆرۈنمەس. كىشى پاراسەتتە كەم بولسا قانچە، ئەيبىنى ئاقلاشقا ماھىردۇر شۇنچە. ئازمىغان جىنايەتتىن خالىي بولار. مەرد بولساڭ، ۋەتەننى قىلغىن ھىمايەت، قان بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ - جىنايەت. ئالەمنى ياپالىغان جىنايتىنى ياپالار. قىلمىشىغا يارىشا جازا. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە توۋا قىلمايسەن. ئوت تۈتۈنسىز بولماس، ئەر يازۇقسۇز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يامان - ئەسكى ھالەت، قىلىق.
يامانلىقنى ئامانلىق يېڭەر. يامانلىق - ياۋنىڭ تامغىسى. يامانلىق تېرىغان يامانلىق كۆرەر. يامانلىق قىلساڭ، يامانلىق كۆرۈسەن. ناچارلىقتىن يىرگىنىدۇ، ياخشىلىققا تەلپۈنىدۇ. ئوساللىق ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. بۇزۇقلۇق يۇرت بۇزىدۇ. ئەسكىلىكنىڭ يىلتىزى ھۇرۇنلۇق. قەبىھلىك تېرىساڭ، ئۆچمەنلىك يىغىسەن. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە نېمە كېرەك؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پ <قىلماق> پېئىلىنىڭ <قىلىش لازىم، قىلىش كېرەك> دېگەن مەنىلەردىكى زۆرۈرىيەت مەيلىنى بىلدۈرىدۇ.
ناۋادا داداڭ ئۈندەككە كەلمىسە، قانداق قىلغۇلۇق؟
ئى. قىلغان - ئەتكەن، ياخشى - يامان ئىش، ھەرىكەت.
ھەممە قىلغۇلۇقنى ئۆزۈڭلار قىلىپ يەنە نېمە دەيسىلەر؟