مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر بىسلىق ئۇزۇنچاق قورال.
قىلىچ قىنىدا ياتسا باسىدۇ. ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ. تىل شەمشەردىن قاتتىق تېگەر. ئۇرۇشتىن كېيىن شەمشەر سوقۇپتۇ. تىزلىنىپ تۇرغان دۈشمەنگە زۇلپىقارىڭنى تۇتقۇزما.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقىلىچ.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قوش قىلىچ قىنقا سىغماس _ قوش قىلىچ بىر قىنغا سىغماس. بۇ ماقال ئىككى ئادەم بىر ئىشقا ئىنتىلگەندە ياكى ئىككى ئادەم بىر قىزنى ئالماقچى بولغاندا ئېيتىلىدۇ. خاقانىيە بەگلىرىگىمۇ مۇشۇ سۆز بىلەن ئات قويۇلىدۇ. مەسىلەن: « قىلىچ خان» دېگەندەك. بۇ «ئىش - ھەرىكەتتە قىلىچتەك ئۆتكۈر خاقان» دېگەندەك بولىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەرەن ئالپى ئوقىشتىلار
قىڭىر كۆزىن باقىشتىلار
قامۇغ تولمۇن توقىشتىلار
قىلىچ قىنقا كۈچىن سىغدى
«باتۇر ئەرلەر (بىر - بىرىنى جەڭگە) چاقىرىشتى،
قىڭغىر كۆز بىلەن قاراشتى،
ھەممە قورال بىلەن توقۇنۇشتى،
قىلىچ قىنغا تەستە سىغدى.»
بىر جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: باتۇرلار بىر - بىرىنى چاقىرىشتى، غەزەپلىك كۆزلەر بىلەن قاراشتى، ھەممە قوراللارنى قىسقا سېلىپ جەڭ قىلىدى، نۇرغۇن قان ئۇيۇپ قالغانلىقتىن، قىلىچلار قىنغا ئاران سىغدى.
1 - 465
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنجەردىن چوڭراق بىر تىغلىق ئۇرۇش قورالى. ئۇنىڭ تىغى ئۇزۇن، بەزىلىرىنىڭ تىغى بىرئاز ئېگىلگەن بولىدۇ.
بېشىڭغا قىلىچ كەلسىمۇ توغرا سۆزلە.
Domain: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، ئەزىزوپ قاسىمنىڭ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ئەزىزوپ قاسىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان 1945 - يىلدىن 1985 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يازغان شېئىرلىرىدىن <بىزنىڭ ياشلىق>، <زۇلمەتكە لەنەت>، <قىلىچ>، <تاڭغا تەلمۈرۈش> قاتارلىق 40 نەچچە پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۆتكۈر بىسلىق قورال؛ قىلىچتەك ئۆتكۈر ۋە كەسكىن كىشى.
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
قىلىچتەك ئۆتكۈر
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى