Chinese→UyghurMain Dictionary
七月十四日起义
دۇنيا تارىخى
14 - ئىيۇل قوزغىلىڭى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە پارىژ خەلقىنىڭ بوربون خاندانلىقىنىڭ فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭى. 1789 - يىلى 5 - ئايدا ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى چاقىرىلغاندىن كېيىن، خەلق ئاممىسى ئۈچىنچى تەبىقىدىكى ۋەكىللەرنىڭ كورۇل باشچىلىقىدىكى ئىمتىيازلىق تەبىقىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىشنى پائال قوللىغان. لۇئى ⅩⅥ ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ۋېرسال ۋە پارىژ ئەتراپىغا ئوغرىلىقچە قوشۇن يۆتكىگەن. 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يەنە مالىيە ۋەزىرى نېسككېرنىڭ تارقىتىۋەتمەكچى بولغان. 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، پارىژ خەلقى بەس - بەستە قوراللىنىپ، شەھەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن. ئىككىنچى كۈنى فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ سىۋولى بولغان باستىللىي تۈرمىسىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، قوزغىلاڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇرژۇئازىيە قوزغىلاڭ داۋامىدا يېڭى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى دائىمىي كومىتېتىنى قۇرغان، بۇرژۇئازىيە خەلق ئەسكەرلىرى - مىللىي قوغدىنىش قوشۇنىنى تەشكىللىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنقىلاب پۈتۈن مەملىكەتتە تېزدىن قانات يايغان. 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى قوزغىلاڭ فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كېيىن مۇشۇ كۈن فرانسىيە دۆلەت بايرىمى قىلىپ بەلگىلەنگەن.