Chinese→UyghurMain Dictionary
情绪和情感
پسىخولوگىيە
كەيپىيات ۋە ھېسيات
بۇ كىشلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر توغرىسىدىكى پوزىتسىيە تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. كىشىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇ شەيئىنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق بولۇش - بولماسلىقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. ئوبيېكتىپ شەيئى كىشىنىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق بولسا، كىشىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش پوزىتسىيىسى ئىپادىلىنىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە رازىمەنلىك، خوشاللىق، ياقتۇرۇش، ھۈرمەتلەش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ئىنكار پوزىتسىيە ئىپادىلىنىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نارازىلىق، ئۆچمەنلىك، ئەنسىرەش، ئاچچىقى كېلىش، قورقۇش، خىجالەت بولۇش تۇيغۇلىرى پەيدا بولىدۇ. لېكىن كەيپىيات ھېسياتتىن يەنە پەرقلىنىدۇ: (1) كەيپىيات فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج، تۆۋەن دەرىجىلىك پىسخىك جەريان ( سەزگۈ، ئىدراك ) بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئىچكى تۇيغۇ، يەنى شەرتسىز رېفلېكس ( قوغدىنىش رېفلېكسى، جىنسىي رېفلېكس، ئوزۇقلۇق رېفلېكسى ) لاردىن پەيدا بولغان قورقۇش، غەزەپلىنىش، جىنسىي تەلەپ، ئوزۇقلىنىش تەلىپى قاتارلىق تۇيغۇلاردىن ئىبارەت. مەسلەن، جاۋاپكارلىق ھېسياتى، شەرەپ ھېسياتى، ئادالەت ھېسياتى، غۇرۇر ھېسياتى، ئاقىلانىلىك ھېسياتى، گۈزەللىك ھېسياتى ... . بۇلارنىڭ كىشىنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتىكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا پەيدا بولۇپ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتىكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا ھېسيات ئىجتىمائىي، تارىخىيلىققا ئىگە. سىنپىي جەمئىيەتتە، ئۇ كۆپىنچە سىنپىي خاراكتېرلىك بولىدۇ. (2) كەيپىيات ئەھۋال خاراكتېرلىك بولىدۇ ۋە ئۇ ئوڭايلا تېزلىك بىلەن بوشۇشۇپ قالىدۇ. ئومۇمەن تۇراقسىز بولۇپ، ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىدۇ. ھېسياتمۇ ئەھۋال خاراكتېرىگە ئىگە. لېكىن ئۇ تۇراقلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ. (3) كەيپىيات ئومۇمەن ھېسىياتتىن كۈچلۈك بولۇپ، ئادەتتە ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىپادىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئانچە روشەن بولمايدۇ. ھېسىيات بىلەن كەيپىيات جەريانى بىلىش جەريانى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. بىلىش جەريانىمۇ كۆپىنچە ھېسىيات بىلەن كەيپىقا ئەگىشىپ بارلىققا كېلىدۇ. ھېسىيات بىلەن كەيپىياتنى چەكلەيدىغان ئامىل شارائىت تەسىرى، فىزىئولوگىيىلىك ھالەت ۋە تونۇش جەريانى بولۇپ، تونۇش جەريانى بەلگىلەن رولىنى ئوينايدۇ.