Chinese→UyghurMain Dictionary
切特尼克
دۇنيا تارىخى
چېتنىك
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يۇگوسلاۋىيىنىڭ مونارخىست قوشۇنى. يۇگوسلاۋىيە 1941-يىلى 4-ئايدا ئوق ئەللەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە قالغان كونا ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ ئواىتسېرى مىخايلوۋىچ <چېتنىڭ> (سېۋىللې تىلىدا <ئورمان ۋە تاغلارغا يۆتكىلىپ ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى تۇرغۇچى قوشۇن> دېگەن مەنىدە) قوشۇنىنى قۇرغان. مەزكۇر قوشۇن ئىشالىيەتچىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىش بايرىقىنى كۆتۈرۈلۋالغان بولسىمۇ، بىراق سېۋىللىينىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە ئورمانلىقلىرىغا مۆكۈنۈۋېلىپ، ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گېرمان قوشۇنلىرى ۋەقورچاق ھاكىمىيەت بىلەن خۇپىقيانە تىل بىرىكتۈرۈپ، پارتىزانلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئازادلىق ئۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. ئۇ، يۇگوسلاۋىيە سەرگەردان سەرگگردان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر <قانۇنىي قوشۇنى> ئىدى. 1941-يىلى 11-ئايدا، پارتىزانلار بىلەن ئىمزالىغان ئورتاق كۈرەش قىىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئازاد رايونغا ھۇجۇم قىلغان، كېىن قورچاق ھۆكۈمەت قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيە - ئىتالىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرى بىلەن ئاشكارا ھەمكارلىشىپ، پارتىزانلارغا ھۇجۇم قىلغان. 1945-يىلدىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن.