Chinese→UyghurMain Dictionary
七大领主政府
دۇنيا تارىخى
يەتتە چوڭ فېئوداللار ھۆكۈمىتى
يەتتە ئاقسۆڭەك ھۆكۈمىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1610 - 1612 - يىللاردىكى رۇس مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىگە خىيانەت قىلغان ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمىتى. كىنەز مىستىسلاۋىسكىي (؟ - 1622) باشچىلىقدىكى يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسى قەدىمكى نەسەبىي فېئوداللاردىن ئىدى. شۇڭا يەتتە چوڭ فېئوداللار ھۆكۈمىتى دەپ ئاتالغان. 1610 - يىلى 6 - ئايدا روسىيە - شۋېتسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن موسكۋا ئەتراپىدىكى كلۇشىنو كەنتىدە ئۇرۇش قىلغاندا، شۋېتسىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولغان. بۇ چاغدا موسكۋادىكى ئاچارچىلىقتا قالغان خەلق چار پادىشاھىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، چار پادىشاھلنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغان بەزى ئاقسۆڭەكلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چار پادىشاھ ۋاسلىي شۇيىسكىينى ئاغدۇرۇپ، يەتتە چوڭ فېئودال ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن. بۇ ھۆكۈمەت شۇ يىلى 8 - ئايدا پولشا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بىلەن سۈلھ تۈزۈپ، پولشا شاھزادىسى ۋلادۇسلاۋنى (شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ۋلادۇسلاۋ Ⅳ بولغان) روسىيىنىڭ چار پادىشاھى قىلىپ تۇرغۇزغان. 9 - ئايدا يەنە پولشا ئارمىيىسىنى كېچىسى مەخپىي ھالدا موسكۋاغا باشلاپ كىرىپ، بارلىق ئىستىھكام بازىلىرىنى ئىگىلىۋالغان. بىراق پولشا كورۇلى زۇگمۇنت Ⅲ ئۆزى چار پادىشاھ بولۇۋېلىش نىيىتىدە بولغاچقا، شاھزادىنى موسكۋاغا بارغىلى قويمىغان ھەمدە يېڭى ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تۇتۇپ تۇرغان. روسىيە خەلقى پولشا ۋە شۋېتسىيە ئارمىيىسى پاراكەندىچلىك تۇغدۇرۇۋاتقان ۋە خەلقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، دۆلەت بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋە ھالاك بولغان پەيتتە، قوزغىلىپ خەلق ئارمىيىسى تەشكىللەپ، تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرغان. 1612 - يىلى 8 - ئايدا، خەلق ئارمىيىسى موسكۋاغا يېقىنلىشىپ كەلگەن؛ 10 - ئايدا، شەھەر ئىچىدىكى پولشا ئارمىيىسىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبور قىلىپ، موسكۋانى ئازاد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن يەتتە چوڭ فېئوداللار ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان.