Uyghur←ChineseMain Dictionary
قىيا تاش رەسىملىرى
Domain: ئۇنىۋېرسال石壁画
shí bì huà
Domain: دۇنيا تارىخى岩画
yán huà
ئۆڭكۈر تاملىرى، تاغ يەرلىرى ياكى يالغۇز تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان رەسىملەر. ئۇ رەڭلىك، ئويما، قاپارتما قاتارلىق رەسىملەردىن تەشكىل تاپقان. كونا تاش قورال دەۋرىدىن يېڭى تاش قورال دەۋرىگىچە بولغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەتلەردە دائىم ئۇچرايدۇ. رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوۋچى مىللەتلەر ياكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر سىزغان، ئىنتايىن ئاز قىسمىنى دېھقان مىللەتلەر سىزغان. كۆپىنچە ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىقلارنى تېما قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي مەزمونىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، رەسىملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئابستراكت گۈل ۋە يېزىقلار بولغان. دەۋرى قانچە بالدۇر بولسا، رېئاللىقنى شۇنچە تەسۋىرلەيدىغان بولغان. رەڭلىك رەسىملەرگە مانگان، قىزىل تۆمۈر رۇدىسى، قوڭۇر تۆمۈر رۇدىسى، ھاك تېشى، ياغاچ كۆمۈر قاتارلىقلارنى بوياق قىلغان، سېرىق، قىزىل، قوڭۇر، قارا، ئاق قاتارلىق رەڭلەر بولغان، كۆك، يېشىل رەڭلەرنىڭ پەقەت ھىندىستاننىڭ كېيىنكى دەۋرىدىلا ئۇچراتقىلى بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.