Chinese→UyghurMain Dictionary
乔治敦
Domain: ئۇنىۋېرسالqiáo zhì dūn
جورجتون
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەرجورجتون
جەنۇبىي ئامېرىكىىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان گۋىئانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ شەھەر ئاتلانتىك ئوكيان ياقىسىدىكى دېمېرارا دەرياسىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). بۇ شەھەر 1630 - يىلى قۇرۇلغان، 1784 - يىلدىن 1812 - يىلغىچە گوللاندىيىلىكلەر ئىگىلىگەن، شەھەر نامىنى جورجتون دەپ قويغان. جورجتون گۋېىئانىڭ مۇھىم سودا، سانائەت شەھىرى، بۇ جايدا شېكەر زاۋۇتى، ھاراق زاۋۇتى، كىيىم - كېچەك، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش زاۋۇتى، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ كۆپ قىسمى جورجتون پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، تۆمۈريول، تاشيول ئارقىلىق دېڭىز قىرغاق شەھەرلىرى، ئىچكى قىسمىدىكى ئورۇنلار بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. شەھەردە مۇزېيخانا، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى، گۋىئانا داشۆسى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار.
GetWord Corpus
Pronunciation: 8qiáo zhì dūn
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.