Chinese→UyghurMain Dictionary
乔塔纳格普尔高原
دۇنيادىكى شەھەرلەر
چوتاناگپۇر ئېگىزلىكى
ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، بىخار شتاتى، مەركىزىي شتات ۋە ئۇرىسا شتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 600-1100 مېترغىچە كېلىدۇ. ئېگىز تەكشىلىك گانگى دەرياسى بىلەن بېنگال قولتۇقى ۋە باشقا دەريالارنىڭ (مەسىلەن، دامودار دەرياس، سوبارانىكا دەرياسى) سۇ بۆلگۈچىسى ھېسابلىنىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1000-1500 مىللىمتېرغا يېتىدۇ، توپىسى قىزىل توپا بىلەن خىش رەڭلىك قىزىل توپىلارنى ئاساس قىلىدۇ. كۆپ قىسىم يەرلىرىنى ئوت - چۆپلەر بىلەن ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يار يېلىم پۈتۈن ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يار يېلىمىنىڭ 41% نى تەشكىل قىلىدۇ. چوتاناگپۇر ھىندىستاننىڭ ئەڭ قۇھىم كان سانائەت ۋە مېتاللۇرگىيە سانائەت رايونى، كوكس كۆيدۈرىدىغان كۆمۈر بىلەن مىس، فوسفورلۇق مېنېراللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇ رايوندىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ككك كرىستاللىق تاشنىڭ 95%، كۆمۈرنىڭ 80%، چىرىمتال، ئاليۇمىن توپىسىنڭ 50%، تۆمۈر رۇدىسىنىڭ 40% ى مۇشۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تاشپاختا، ھاك تېشى، خروملۇق تۆمۈر، ئۇران، ئالماس قاتارلىقلارمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جايدا نۇرغۇن سانائەت شەھەرلىرى بار. تاتا پولات - تۆمۈر شىركىتى بۇ رايوننىڭ جەنۇبىدىكى جىمىسپور شەھىرىگە جايلاشقان.