Chinese→UyghurMain Dictionary
乔卡诺
دۇنيا تارىخى
چوكانو
(1875 - 1934) پېرۇ شائىرى. لاتىن ئامېرىكىسى مودېرنىزم ئەدەبىيات ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. لىمادا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياشلىقىدا مۇنتىزىم ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىپ، ئەدەبىيات ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 20 ياش ۋاقتىدا ئىسپانىيىگە بارغان. كېيىن كۇبا، مېكسىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنى ئايلىنىپ چىققان. مېكسىكىنىڭ بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، 1519 - يىلى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، گۋاتېمالادا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. پېرۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋەقە پەيدا قىلغانلىقتىن، يەنە چىلىغا بېرىپ پاناھلانغان. كېيىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. ئەسەرلىرى مۇنازىرە، مۇبالىغە ۋە مۇزىكا رىتىملىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئاساسلىق شېئىرلار توپلىمىدىن <ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جېنى>، <يورۇقلۇق بولۇشى كېرەك>، <جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالتۇن مېۋىلىرى> قاتارلىقلار بار.