Chinese→UyghurMain Dictionary
乔尔乔温
Domain: دۇنيا تارىخىگىئورگىئونې
(تەخمىنەن 1477 - 1510) ئىتالىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى رەسسام. لىرىك شائىر. ۋېنېتسىيە رەسساملار گۇرۇھىغا مەنسۇپ. كاستېلفرانكۇ (ۋېنېتسىيىلىك غەربىي شىمالىي)دا تۇغۇلغان. ۋېنېتسىيىلىك رەسسام بېللىنى (تەخمىنەن 1430 - 1516) نى ئۇستاز تۇتقغان ھەمدە زامانداش رەسسام تىزىئانو بىلەن دوستانە ئالاقىدەبولغان. شەخس بىلەن تەبىئەت مەنزىرىسىنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدە قىلىشقا ماھىر بولغانلىقتىن، ئەسەرلىرى يېڭىچە قۇرۇلمىغا، رەڭ قاتلىمى مول بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <ياتقان ھالەتتىكى ۋېنىرا>، <بوران - چاپقۇن> قاتارلىقلار بار.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.