UyghurMain Dictionary
قىيان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ھۆل - يېغىندىن ياكى قار ئېرىشتىن ھاسىل بولغان كۈچلۈك سۇ ئېقىمى.
تەۋرىگەن ئەلدىن قورق، يامرىغان سەلدىن قورق. قىيان ئۈنسىز ئۇرۇش، تىلسىز جەڭ. تاشقىن كېتەر، تاش قالار. چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسىدا تامچىمۇ تاشقىن. كەلكۈندە لاي سۇ ئىچەرسەن. كەلكۈن سۇ _ يىرتقۇچ ھايۋان. جاھاننى توپان باسسا، ئۆردەككە نېمە غەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۇ ئىشلىرى
قاتتىق ياغقان يامغۇر ياكى قار سۇلىرىنىڭ توپلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغان كۈچلۈك لاتقا ئارىلاش سۇ ئېقىمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تاشقىن، سەل، قىيان.