UyghurMain Dictionary
قەۋس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياي، كامالەك، ياچاق:
ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرچىدىن توققۇزىنچىسى:
1. قەۋسۇ قۇزەھكە مەشقدۇر قاشى ھىلالىدىن نىشان،
غەمزە ئوقىنى گەزلەگەچ جانۇ كۆڭۈل شىكارمەن.
مىسكىن.
2. قەۋس بولدى يولىدا چىللەنىشىن،
جەدىي نەززارەسىدە قۇللەگۇزىن.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىرناق؛ ياي، ياچاق، كامالەك؛ ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىدىن توققۇزىنچىسى: قەۋسى قۇزەھ - ئوق - ياي، ياي كامالەك (ئەتىياز چاغلىرىدا ئاسماندا رەڭمۇ - رەڭ بولۇپ، ئوقيا شەكلىدە كۆرۈنىدىغان قۇياش شولىسى).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تېبابەت
<ئاستر>
ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرجنىڭ توققۇزىنچىسى. ئاسترونومىيىلىك ئۇزۇنلۇقى °240 تىن °270 قىچە، ئەسلىي ئورنى قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىگە يۆتكۈلگەن. ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۇم سېرىق قار بولىدۇ.