UyghurMain Dictionary
قەسىر ناماز
بىئولوگىيە
ئىسلام دىنىدىكى تۈزۈم بولۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (قىسقارتىپ) ئوقۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇندق دېيىلگەن: <سەپەرگە چىققان ۋاقىتڭلاردا كاپىرلانىڭ ئۆزۈڭلەرغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسىرى قىلىپ (يەنى تۆت ركەتنى ئىككى رەكەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.> (4 - سۈرىنىڭ 101 - ئايىتىدىن). كېيىن فەقىھلەر بۇنى سەپەرگە چىققانلارنىڭ ئادا قىلىدىغان مەسئۇلىيىتى قىلىپ بەلگىلەندى. مەسىلەن، ئەبۇ ھەنىفە: <سەپەرگە چىققانلار قەسىر ناماز ئوقۇش كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا نامازنى كەينىگە سۈرۈۋېتىش گۇناھىنى سادىر قىلغان بولىدۇ> دېگەن. پېشىن نامىزى ۋە خۇپتەن نامىزىدىكى تۆت رەكەت پەرزنى ئىككى رەكەت قىلىپ ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلدى. سەپەرگە چىققان ئادەم بىر جايدا ئۇدا 15 كۈن تۇرۇپ قالماقچى بولسا، ئادەتتىكى ناماز تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.