Uyghur←ChineseMain Dictionary
قەرزدار قۇل تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
债务奴隶制
zhài wù nú lì zhì
<قەرزدارلانى قۇل قىلىش تۈزۈمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەرزنى تۆلەشكە چامىسى يەتمىگەنلىكتىن قۇلغا ئايلانغان ئەمگەكچىلەرنى ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى. ئىپتىدائىي جەمئىيەت پارچىلانغان دەۋردە پەيدا بولغان. شۇ چاغدا خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە باي - كەمبەغەللىك تەكشىسىزلىكى مەيدانغا كەلگەن، دېھقانلار، قول - ھۈنەرۋەنلەر ۋە باشقا ئەمگەكچىلەر بايلاردىن قەرز ئېلىپ ۋاقتىدا قەرزنى قايتۇرالمىغاندا، كۆپ ھاللاردا خوتۇن - بالىلىرى ياكى ئۆزى قۇلغا ئايلانغان؛ قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ <خاممۇرابى قانۇنى> (17 - ماددا)دا: قەرزدار قۇل ھەقدارنىڭ ئائىلىسىدە ئۈچ يىل ئىشلەپ بېرىش بەلگىلەنگەن. قەرزدار قۇل تۈزۈمى قەدىمكى شەرق مەملىكەتلىرىدە ۋە دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى يۇنان ۋە رىمدا خېلى تارقالغان، قەرزدار قۇللار مۇشۇ مەملىكەتلەردىكى قۇللارنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولغان. تاۋار ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئاددىي پۇقرالار كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مەسىلەن، ئافىنا ۋە رىمدا ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ئارقىسىدا، قەرزدار قۇل تۈزۈمى (ھېچ بولمىغاندا قانۇن جەھەتتە) بىكار قىلىنغان، ئۇنىڭ ئورنىغا يات مىللەتنى قۇل قىلىش ئارقىلىق قۇللۇق تۈزۈم راۋاجلانغان. قۇللۇق جەمئىيەت يوقالغاندىن كېيىن، قەرزدارنى قۇل قىلىش شەكلى كېيىنكى سىنىپىي جەمئىيەتلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلگەن.