UyghurMain Dictionary
قەرز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بېرىلگەن - ئېلىنغان نەرسە.
«لاپقۇت» ئىش - ئەمگەك ئۈستىدىكى ئېلىم - بېرىم.
«نېسى» ھەققىنى نەق ئالماي، قەرز قالدۇرۇشقا ئېيتىلىدۇ.
بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر. قەرزى يوق گاداي شاھزادىن ئازادە. بۇ جاھان - ئۆتنە جاھان. ئاش - ئۆتنە، ئىش - لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت. شىر چىشىنى ئارىيەت بەرمەس. يېڭىسىنى ئارىيەت ئالغاندىن كونىسىنى يۇغان ئەلا. نېسى ساتقاننىڭ ھالى خاراب، قالىدۇ قۇرۇق دەپتەرگە قاراپ. نېسى يېمە گۆشنى، ئاغرىتىدۇ تۆشنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بېرىلىدىغان ياكى ئېلىنىدىغان پۇل، بۇيۇم ۋە شۇ قاتارلىقلار.
قەرىز ئالماق. قەرز بەرمەك. قەرز تۆلىمەك.
كۆچمە. زىممىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت، بۇرچ.
ئاتىلىق قەرزىنى ئادا قىلماق.