UyghurMain Dictionary
قەپەس
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . قومۇش، چىۋىق ۋە سىملاردىن ياساپ قۇش باقىدىغان جاھاز.
تولا سايرايدىغان قۇش قەپەسكە چۈشەر (ماقال) . * قۇشقا ئالتۇن قەپەستىن قۇرۇق شاخ قىممەتلىك (ماقال) .
2 . ھايۋان ياكى جىنايەتچى سانالغانلارنى قامايدىغان بادرا ياكى لوم تۆمۈردىن ياسالغان كۆچمە تۈرمە. سادىر پالۋاننى تۆمۈر قەپەس قورقىتالمىغان. * يولۋاس تۆمۈر قەپەسكە سولاپ قويۇلغانىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
قېتىم، نۆۋەت، مەيدان، رەت.
بىر قەپەس ئېلىشماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئى. قۇش ياكى ھايۋانلارنى ساقلاش، بېقىش ئۈچۈن سىم ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن توقۇپ ياسىلىدىغان ساندۇق ياكى ئۆي شەكىللىك بۇيۇم.
ئۇ باينىڭ ئۆيىدە قەپەستىكى قۇشتەك يالغۇز قالغانىدى.
ئى. ئەتراپى مۇشۇنداق شەكىلدە قورشالغان بوشلۇق.
كۆكرەك قەپىسى.
مىق. قېتىم، مەيدان، نۆۋەت، رەت.
بىر قەپەس ئېلىشماق.